قوراللىق ھۇجۇمچىلار، كاراچى - گۋادار تاش يولىدا 14 ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈردى

پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بېلۇجىستان ئۆلكىسىدە قوراللىق ھۇجۇمچىلار تاشيولدا كېتىۋاتقان بىر ئاپتوبوسنى توختىتىپ، ئىچىدىكى 14 ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈردى.

1185892
قوراللىق ھۇجۇمچىلار، كاراچى - گۋادار تاش يولىدا 14 ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گۋادارنىڭ مۇئاۋىن ساقچى باشلىقى مۇھەممەد ۋاسىم، قوراللىق كىشىلەرنىڭ كاراچى شەھىرى بىلەن گۋادار پورتى ئارىسىدىكى تاشيولدا كېتىۋاتقان بىر ئاپتوبۇسنى توسۇپ، ئىچىدىكى يولۇچىلارنىڭ كىملىكلىرىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، 14 ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى باشلىغان.

پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان، «بۇ پەسكەش ھۇجۇم» نى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىنلىرىغا تەزىيە بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر