گىرېتسىيە گېرمانىيەدىن زور مىقداردا تۆلەم تەلەپ قىلدى

گىرېتسىيە پارلامېنتى گېرمانىيەدىن 300 مىليارد ياۋرو تۆلەم تەلەپ قىلىشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن تەكلىپ لايىھەسىنى ماقۇللىدى.

1185642
گىرېتسىيە گېرمانىيەدىن زور مىقداردا تۆلەم تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە پارلامېنتى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ناتسىستلارنىڭ ئىشغالىيىتى تۈپەيلى كېلىپ چىققان ماددىي ۋە مەنىۋى زىيانلار ئۈچۈن گېرمانىيەدىن تۆلەم تەلەپ قىلىشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن تەكلىپ لايىھەسىنى ماقۇللىدى.

گىرېتسىيەدە ناتسىستلار دەۋرىدە ئۆلۈپ كەتكەنلەر ۋە كېلىپ چىققان زىيانلارغا قارىتا تۆلەم تەلەپ قىلىشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن تەكلىپ لايىھەسى، كۆپ سانلىقنىڭ قوللاپ ئاۋاز بېرىشى بىلەن ماقۇللاندى.

ئالتۇن شەپەق پارتىيەسىنىڭ ئاشقۇن مىللەتچى پارلامېنت ئەزالىرى مەزكۇر قانۇن تەكلىپ لايىھەسىگە قارشى ئاۋاز بەردى.

مەزكۇر قانۇن تەكلىپ لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇش ئەسناسىدا سۆز قىلغان گىرېتسىيە باش مىنىستىرى ئالېكسىس چىپراس، گېرمانىيەدىن تۆلەم ئېلىشنىڭ گىرېتسىيەنىڭ ھەققى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بېرلىن ھۆكۈمىتىگە بۇ مەسىلە توغرۇلۇق ئاغزاكى نوتا بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

گىرېتسىيەنىڭ  تۆلەم تەلىپىنىڭ ئىقتىسادىي كىرىزىس مەزگىلىدە ياۋروپالىق شىرىكلىرىدىن ئالغان قەرزلىرى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى ئېيتقان چىپراس: گېرمانىيەدىن تۆلەم تەلەپ قىلىشىمىز تارىخىي ۋە ئەخلاقىي قەرزىمىزدۇر، دېدى.

گىرېتسىيە پارلامېنتى تەرىپىدىن ناتسىستلار دەۋرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ۋە كېلىپ چىققان زىيانلارنى ھېسابلاپ چىقىش مەقسىتىدە تەشكىل قىلغان كومىتېت 2016-يىلى بۇلتۇر ئۆكتەبىردە بۇ  توغرۇلۇق مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلغانىدى.  

گېرېتسىيە ھۆكۈمىتى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىن-يورۇقلىرىغا تۆلەم، كېلىپ چىققان ماددىي زىيان ۋە مەركەز بانكىسىدىن ناتسىستلار تەرىپىدىن مەجبۇرىي ئېلىنغان ئۆسۈمسىز ئىشغال قەرزى بولۇپ گېرمانىيەدىن تەخمىنەن 300 مىليارد ياۋرو ، شۇنداقلا ئىشغالىيەت دەۋرىدە گىرېتسىيەدىن ئېلىپ كېتىلگەن قەدىمكى ياردىكارلىقلارنىمۇ قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا.

گېرمانىيە دائىرىلىرى بولسا 1960-يىلى گىرېتسىيەگە 115 مىليون مارك تۆلەم بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئارىلىقتىن 70 يىل ئۆتكەن ئۇرۇش ئۈچۈن يەنە تۆلەم بېرىشنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.

گېرمانىيە ھۆكۈمىتى باياناتچىسى ستېفف سېيبېرت، قانۇن تەكلىپ لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى بايانات بېرىپ، گېرمانىيەنىڭ بۇ مەسىلىگە تۇتقان پوزىتسىيەنىڭ ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى، بۇ مەسىلىنىڭ قانۇنىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن ئاللىبۇرۇن ھەل بولغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر