ئافغانىستاندا پارتلاش يۈز بېرىپ 7 بالا قازا قىلدى
ئافغانىستاننىڭ لاغمان ۋىلايىتىدە گىراناتاميوت ئوقى پارتلاپ كېتىپ 7 بالا جېنىدىن ئايرىلدى.
1183574
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لاغمان ۋالىيلىق مەھكىمىسى باياناتچىسى ئەسەدۇللاھ دەۋلەتزەي بايانات بېرىپ، لاغماننىڭ مەركىزىي ماھتارلام شەھىرىدە گىراناتاميوت ئوقىنىڭ پارتلاپ كېتىشى نەتىجىسىدە 7 بالىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 8 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، بالنىستقا ئېلىنغان يارىدارلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.