دانىيەدە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

دانىيەدە ئاشقۇن ئوڭچىل ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى راسمۇس پالۇداننىڭ مۇسۇلمانلار مەھەللىسىدە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشى نەتىجىسىدە ۋەقە يۈز بەردى.

1183469
دانىيەدە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹ Ekstra Bladet › گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇسۇلمانلار توپلىشىپ ياشايدىغان پايتەخت كوپېنھاگېننىڭ ۆررېبرو مىھىللىسىدىكى بلاگاردس پىلادس مەيدانىدا ساقچىلارنىڭ چەمبىرىكى ئاستىدا نامايىش ئۆتكۈزگەن ئاشقۇن ئوڭچىل ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى راسمۇس پالۇدان قۇرئان كەرىمنى ئاتقان. ئۇنىڭ بۇ ئىغۋاگەرلىك قىلمىشىدىن كېيىن ۋەقە يۈز بەرگەن.

كۆپىنچىسى ياشلاردىن تەشكىل تاپقان ئامما ساقچىلارغا تاش ئېتىپ، ئەخلەت ساندۇقلىرىغا ئوت قويۇپ بەرگەن، ساقچىلارمۇ ئاممىغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتقان، پالۇدانغا قاراپ ئېتىلغان بىر كىشىنى ساقچىلار توسۇۋالغان، پالۇدان رايوندىن ساقچىلارنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۇزاقلاشتۇرۇلغان.

كوپېنھاگېن ساقچىلىرى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدىن، ۋەقە يۈز بەرگەن بالاگاردس پلادس مەيدانى ئەتراپىدىكى پۇقرالارنى سىرتقا چىقماسلىق ۋە مەيداندىن يىراق تۇرۇشقا چاقىرغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ جەرياندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى بىلەن ئەيىبلىنىپ، ھەمدە نۆررېبرو مەھەللىسى قاتارلىق جايلاردىكى  ئاپتوموبىللار ۋە ئەخلەت ساندۇقلىرىغا ئوت قويۇۋەتكەنلىىدىن گۇمانلىنىپ 23 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

دانىيە بمى لارس لوئېككې رامۇسسېن پالۇداننىڭ ھەرىكىتىنى «ئەھمىيەتسىز بىر ئىغۋاگەرلىك» دەپ ئاتىغان.»

پالۇدان 22 – مارت كۈنىمۇ دانىيە پارلامېنتىنىڭ ئالدىدا ئوقۇلغان جۈمە نامىزىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، قۇرئان كەرىمگە ئوت قويۇۋەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر