ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتى مىللىي قوراللىق قىسمىنىڭ ئەسكەر سانىنى بارغانچە ئاشۇرماقتا

ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتىگە تەۋە مىللىي قوراللىق قىسمىنىڭ ئەسكەر سانى 2 مىليوندىن ئاشتى.

1182908
ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتى مىللىي قوراللىق قىسمىنىڭ ئەسكەر سانىنى بارغانچە ئاشۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ۋېنېزۇئېلادا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن پەۋقۇلئاددە جىددىي ئەھۋاللاردا ئىشقا سېلىش مەقسىتىدە تەشكىل قىلىنغان بولىۋارجى مىللىي قوراللىق قىسمىغا تەۋە ئەسكەر سانى 2 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى.

ئېغىر سىياسىي كىرىزىسلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ۋە ئامېرىكانىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان ۋېنېزۇئېلانىڭ پايتەختى كاراكاستا، سابىق پىرېزىدېنت ھۇگو چاۋېزغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان بىراق مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ 17-يىللىقى ، شۇنداقلا بولىۋارجى مىللىي قوراللىق قىسمىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى.

قەھرىمانلار مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇراسىمدا، سانى 2 مىليون 199مىڭغا يەتكەن بولىۋارجى مىللىي قوراللىق قىسمىنىڭ ۋەكىللىرى قەسەم بەردى.

مۇراسىمدا بولىۋارجى قوراللىق قىسىمنىڭ سانىنى 3 مىليونغا يەتكۈزۈشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان پىرېزىدېنت مادۇرو، بۇ قىسىمنىڭ ۋېنېزۇئېلانىڭ ئامانلىقى ۋە تىنچلىقىنى قوغداشتا مۇھىم رول ئويناپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پىرېزىدېنت مادۇرو يەنە، بولىۋارجى مىللىي قوراللىق قىسمىغا دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ ئاساسىي قانۇندىكى ئورنى دائىرىسىدە سالاھىيەت بېرىلىشى ئۈچۈن پارلامېنتتىن خىزمەت ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى.

مۇراسىمغا سابىق پارلامېنت باشلىقى دىيوسدادو كابېللو ۋە مۇداپىئە مىنىستىرى ۋىلادىمىر پادرىنو لوپېز قاتارلىق ئالىي رەھبەرلەرمۇ ئىشتىراك قىلدى.


خەتكۈچ: #مادۇرو

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر