كىم جۇڭئۇن ترامپ بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جۇڭئۇن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ئۈچىنچى قېتىم كۆرۈشۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1182791
كىم جۇڭئۇن ترامپ بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جۇڭئۇن، جەنۇبىي كورېيە ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن تىنچلىق ئورنىتىش يولدا باشلىغان دىپلوماتىك خىزمەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ئۈچىنچى قېتىم كۆرۈشۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

شىمالىي كورېيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى  " KCNA " دا بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە، كىم جۇڭئۇننىڭ پارلامېنتتا سۆز قىلغاندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ يىل ئاخىرغىچە ئادىل ۋە ھەر ئىككى تەرەپ قوبۇل قىلالايدىغان كېلىشىم تەكلىپ قىلغان تەقدىردە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن قايتىدىن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقى قەيت قىلىندى.

يادرو قوراللىرىدىن ۋاز كېچىش ۋە ئېمبارگولارنىڭ بىكار قىلىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەردە كېلىپ چىققان ئىختىلابلارنىڭ ھەل بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان كىم جۇڭئۇن: ناۋادا ئامېرىكا مۇۋاپىق ئۇسۇلدا ئۈچىنچى قېتىم يەنە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشنى تەكلىپ قىلسا، مەنمۇ تەييارمەن، ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيەنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولغان ئادىل ۋە ھەر ئىككى تەرەپ قوبۇل قىلالايدىغان كېلىشىمنى ئەلۋەتتە ئىمزالايمىز، بۇ ئامېرىكانىڭ مەسىلىگە قانداق پوزىتسىيە تۇتۇشىغا باغلىقتۇر، دېدى.

دونالد ترامپ بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئاخىرقى مۇزاكىرىنىڭ تىنچلىق يولىدا تاشلانغان قەدەملەرنىڭ توغرىلىقى ۋە ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ سەممىيىتىدىن گۇمان قىلىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى ئېيتقان كىم جۇڭئۇن يەنە مۇنۇلارنى دېدى: "ئامېرىكا قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئۇسۇللار بىلەن مۇزاكىرىلەرنى داۋالاملاشتۇرۇشنىڭ كويىغا كىردى، ئامېرىكا مەسىلىلەرنى يۈزمۇ يۈز ئولتۇرۇپ چىرايلىق ۋە مەنتىقىلىق يوللار بىلەن ھەل قىلىشقا تەييار ئەمەس ئىدى. بىز مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە ۋە دىيالوگ ئارقىلىق ھەل بولۇشىنى خالايمىز، ئامېرىكا بىزگە بۇنداق ئۇسۇلنى تەكلىپ قىلمىدى، يەنە بىر خانوي مۇزاكىرىسى ئۆتكۈزۈلۈشىنى قەتئىي خالىمايمىز."

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر