تالىبان قۇندۇز شەھىرىدە 6 كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، 38 كىشىنى يارىدار قىلدى
ئافغانىستاندا تالىبان مىلىتانلىرى شىمالدىكى قۇندۇز شەھىرىدە ھۇجۇم قىلىپ 6 كىشىنى ئۆلتۈردى.
1182702

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قۇندۇز ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى ئېنامۇددىن رەھمانى تالىبان مىلىتانلىرىنىڭ قۇندۇز شەھەر مەزكىزىدە 3 تەرەپتىن تەڭ ھۇجۇم قىلىشى تۈپەيلىدىن تۇقۇنۇش چىققانلىقىنى بىلدۈردى.
رەھمانى ھەر ئىككى تەرەپتىن ئادەم ئۆلگەنلىكىنى ۋە توقۇنۇشلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
قۇندۇز ۋىلايەتلىك شورا (كېڭەش) مۇئاۋىن باشلىقى سەفىئۇللاھ ئامىرىمۇ ھۇجۇمدا، 6 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە 38 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
شاھىدلارنىڭ بىلدۈرىشىچە، ھۇجۇم سەۋەبىدىن بەزى ساقچى پونكىتلىرى تالىباننىڭ كونتىروللۇقىغا ئۆتۈپ كەتكەن.
قۇندۇز شەھەر مەركىزى 2015 – يىلىدا تالىباننىڭ كونتىروللۇقىغا ئۆتكەن بولۇپ، قىسقىغىنە ۋاقىتتىن كېيىن ئافغانىستان ھۆكۈمىتى قىسىملىرى تەرىپىدىن قايتۇرۇپ ئېلىنغان ئىدى.