ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى بىلەن ي پ گ / پ ك ك تېررورچىلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى
سۈرىيەدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك بىلەن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مارەنىڭ غەربىدىكى تېل رىفاتقا جايلاشقان ي پ گ / پ ك ك تېررورچىلىرى تۈنۈگۈن كېچە دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى ئۆكتىچىلەر كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقان مارە ناھىيەسىدىكى ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە سوقۇنۇپ كىرىشكە ئۇرۇندى.
ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ سىزىپ قېلىشىدىن كېيىن باشلانغان توقۇنۇش 3 سائەت داۋاملاشتى. ي پ گ / پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىتىلغانلىقى قەيت قىلىندى.
تېررورلۇق تەشكىلاتى 2 – ئاپرېلدىمۇ مارەدىكى مەھەللىي مەجلىسنىڭ قۇرۇلۇش ماشىنىسىغا سۇ ئاپىتىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغۇچىلارغا ياردەم قىلىۋاتقان ئەسنادا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقانىدى.
ي پ گ / پ ك ك 3 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان ئىشغال قىلىپ تۇرۇۋاتقان تېل رىفاتتىن ئازەز، باب، جەرابلۇس، مارە ۋە ئافرىن ناھىيەلىرىگە پات – پاتلا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.