ترامپ لاتىن ئامېرىكادىكى بىر قانچە دۆلەتنى ئەيىبلىدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئەل سالۋادور، گىۋاتېمالا، ھوندۇراس ۋە كولومبىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئامېرىكاغا جىنايەتچىلەرنىڭ كەلگەنلىكىنى، كولومبىيەدە زەھەرلىك چېكىملىك سودىسىنىڭ %50 ئۆرلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

1181202
ترامپ لاتىن ئامېرىكادىكى بىر قانچە دۆلەتنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كولومبىيە تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلىشىچە، پىرېزىدېنت ترامپ تېكساستا ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيەتتە سۆز قىلغاندا، بىر قانچە كۈن بۇرۇن ئوخشاش مەسىلىدە تەنقىد قىلغان كولومبىيەنى يەنە قايتا تەنقىد قىلغان. ئۇ كولومبىيەدىن باشقا، ئەل سالۋادور، گىۋاتېمالا ۋە ھوندۇراس قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئامېرىكاغا قارا گۇرۇھ ئەزالىرىنىڭ كىرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېگەن:

«قارا گۇرۇھلارنى ئۆزلىرىنىڭ دۆلىتىدە خالىمايدىغانلىقى ئۈچۈن قاتىللارنى بىزگە ئەۋەتىۋاتىدۇ، چۈنكى ئامېرىكا خەلقىنى ئەخمەق، شۇڭا ئۇلارنى قوبۇل قىلىدۇ دەپ ئويلايدۇ.»

پىرېزىدېنت ترامپ بىر قانچە كۈن بۇرۇن قىلغان سۆزىدە، كولومبىيە پىرېزىدېنتى ئىۋان دۇگې (Ivan Duque) ھەققىدە: «ياخشى ئادەم، ئەمما زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىشتە ھېچنىمە قىلمايۋاتىدۇ» دېگەن ئىدى.

ئۇ ئىۋان دۇگې پىرېزىدېنت بولغان ئاۋغۇست ئېيىدىن باشلاپ زەھەرلىك چېكىملىك سودىسىنىڭ %50 ئۆرلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىۋان دۇگې كولومبىيەدە خەۋپسىزلىك قىسىملىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ كولومبىيەنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىۋاتقانلىقىنى، خەلقى يۇقىرى مىقداردا زەھەرلىك چېكىملىك ئىستېمال قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭمۇ بۇ مەسىلىدە كۈرەش قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

كولومبىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ھېسابلىنىدىغان «دېموكراتىك مەركەز» نىڭ رەھبىرى ۋە سابىق پىرېزىدېنت ئەلۋارو ئۇرىبە (Alvaro Uribe) مۇ ترامپنىڭ ئەيىبلەشلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، ئامېرىكانىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىشتە كولومبىيەدىن تېخىمۇ ياخشى ئىتتىپاقداش تاپالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر