تالىبان قۇندۇز ۋىلايىتىگە ھۇجۇم قىلدى
تالىبان تېررورىستلىرىنىڭ ئافغانىستاننىڭ شىمالىغا جايلاشقان قۇندۇز ۋىلايىتىنىڭ چاردەرە ناھىيەسىگە قىلغان ھۇجۇمىدا، سەككىز خەۋپسىزلىك خادىمى جېنىدىن ئايرىلدى.
1181236

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان قۇندۇز ۋىلايەتلىك شۇرانىڭ باشلىقى مۇھەممەد يۇسۇف ئەيۇبى تالىباننىڭ ھۇجۇمى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ تالىبان تېررورىستلىرىنىڭ ناھىيە مەركىزىگە قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن، ئېتىشىش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ ھۇجۇمدا سەككىز خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 12 خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
تالىبان ئېلان قىلغان باياناتتا، ھۇجۇمدا گۆرۈگە ئېلىنغان خەۋپسىزلىك خادىملىرىنىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.