سۇداندا ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەردى

سۇدان ئارمىيەسى دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – سۇنانىڭ بىنالىرىنى قورشاۋقا ئالدى.

1181541
سۇداندا ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەردى
sudan ordu1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇدان دۆلەت تېلېۋىزىيەسى «ئەلمەيادىن»، ئارمىيەنىڭ پىرېزىدېنت ئۆمەر ئەلبەشىر ۋە ھۆكۈمەتنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاشنى قارار قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىسىملىرىنىڭ ئاشكارىلىنىشى خالىمايدىغان ئارمىيە ۋە ھۆكۈمەتتە يۇقىرى دەرىجىلىك مەنسەپلەرنى ئۆتىگەن ئىككى ئەمەلدار، بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقىغا مەلۇمات بېرىپ، ئارمىيەنىڭ پىرېزىدېنت ئۆمەر ئەلبەشىرنى ئىستېپا بېرىشكە قىستىغانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن، ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋېتىشكە ئۇرۇنۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ تۇراقسىزلىقلىقىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئەمەلدارلار، ئارمىيەنىڭ نۆۋەتتە سۇداندا بىر ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت قۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ جەرياندا، بىرونېۋىكلارنىڭ ئەلبەشىرنىڭ بىر تۇغقانلىرىنىڭ پايتەخت خارتۇمنىڭ شىمالىغا جايلاشقان خارتۇم بەھرى شەھىرىدىكى ئۆيلىرىنى مۇھاسىرىگە ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئۆي – ماكانلىرى قورشىۋېلىنغانلارنى ئارىسىدا ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن «سۇداندىكى چېرىكلىكنىڭ بېشى» دەپ قارىلىۋاتقان ئابدۇللاھ ئەلبەشىرنىڭمۇ بارلىقى قەيت قىلىندى.

ھاكىمىيەت بېشىدىكى مىللىي قۇرۇلتاي پارتىيەسىنىڭ 100 دىن ئارتۇق ئەمەلدارىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باشقا سىياسىي مەھبۇسلار بولسا قويۇپ بېرىلدى.

سۇدان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئارمىيەنىڭ بۈگۈن ئەتىگەن دۆلەت تېلېۋىزىيە ۋە رادىيو ئىستانسىسى بىناسىنى مۇھاسىرىگە ئېلىشىدىن كېيىن پايتەخت خارتۇمدىكى ئايرودۇرۇمدا ھاۋا قاتنىشى توختىتىلغان بولۇپ، پەقەت باشقا جايدىن كەلگەن ئايروپىلانلارنىڭ قونۇشىغىلا رۇخسەت  قىلىنماقتا ئىكەن.

كوچىلارغا ئارمىيەگە قاراشلىق جىددىي ياردەم قىسىملىرىنىڭ ئەسكەرلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

پايتەخت خارتۇمدىكى پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىگە بارىدىغان يوللار بىرونېۋىكلار تەرىپىدىن توسۇۋېلىندى.

سۇدان كەسىپ ئىگىلىرى باشقارمىسىنىڭ چاقىرىقىغا ئاساسەن، مىڭلارچە ئۆكتىچى سۇدانلىق كوچىلارغا چىقتى.

تۈركىيەنىڭ خارتۇمدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتىدا، ۋەقەلەرنىڭ يېقىندىن كۆزۈتىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى ۋە تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ۋەقەلەر بېسىقىپ بولغۇچە ئۆيلىرىدىن چىقماسلىقى تەلەپ قىلىندى.

سۇداندا (2018 – يىلى) 19 – دېكابىردا نان باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىدىن كېيىن نىل قىرغىقى بويىغا جايلاشقان ئاتبېرا ۋە پورت سۇدان شەھەرلىرىدە باشلانغان نامايىشلارنىڭ پىلتىسىغا ئىقتىسادىي سەۋەبلەر ئوت تۇتاشتۇرغان بولسىمۇ، قىسقا ۋاقىت ئۈچۈن پايتەخت خارتۇمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل سۇدان مىقياسىدا تۈزۈمگە قارشى نارازىلىقلارغا ئايلىنىپ كەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر