پېنس ب د ت دىن ۋېنېزۇئېلا ۋەكىلىنىڭ ئىجازەتنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىشىنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس، ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن ۋېنېزۇئېلانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى سامۇئېل مونكادانىڭ ئىجازەتنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىشنى تەلەپ قىلدى.

1181187
پېنس ب د ت دىن ۋېنېزۇئېلا ۋەكىلىنىڭ ئىجازەتنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىشىنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس، ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن ۋېنېزۇئېلانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى سامۇئېل مونكادانىڭ ئىجازەتنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا دۆلىتى تەرىپىدىن ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان پارلامېنت باشلىقى خۇەن گۇايدونىڭ ۋەكىلىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

مايك پېنس، ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە چاقىرىلغان ۋېنېزۇئېلادىكى ئىنسانىي ۋەزىيەتكە ئالاقىدار بىر يىغىنغا ئىشتىراك قىلدى.

ئۇ سۆزىدە مادۇرو ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، ۋېنېزۇئېلادىكى «ھەر 10 ئادەمنىڭ 9 ىنىڭ يوقسۇللۇق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقى»نى، «ئوغرىلارنىڭ بانكا ئەمەس، تاماق ئۈچۈن رېستوران بولىدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈردى.

مادۇرو دائىرىلىرىنىڭ پەقەت ۋېنېزۇئېلانىڭلا ئەمەس، رايوننىڭ تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن پېنس، 54 دۆلەتنىڭ ۋېنېزۇئېلادا كۆپ سانلىقى ئۆكتىچىلەرنىڭ قولىدا تۇرۇۋاتقان پارلامېنتنىڭ باشلىقى خۇەن گۇايدونى پىرېزىدېنت، دەپ ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى  خۇەن گۇايدونى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىردى.

ئۇ، ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن ۋېنېزۇئېلانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى سامۇئېل مونكادانىڭ ئىجازەتنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خۇەن گۇايدونىڭ ۋەكىلىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

مايك پېنس، ۋېنېزۇئېلانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى سامۇئېل مونكاداغا قاراپ تۇرۇپ قىلغان سۆزىدە، «ھۆرمەتلىك باش ئەلچى سىز بۇ يەردە بولماسلىقىڭىز كېرەك. ۋېنېزۇئېلاغا قايتىپ نېكولاس مادۇروغا ۋاقتىنىڭ توشقانلىقىنى، ئەمدى كېتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىشىڭىز لازىم» دېدى.

ئۇ يەنە، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە خۇەن گۇايدونىڭ ب د ت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ لايىھە سۇنىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

پېنس، نېكولاس مادۇرو ھۆكۈمىتىنى قوللىغان كۇبانى ئەيىبلەپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كۇباغا «قوشۇمچە ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقى» نى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر