ھىندونېزىيەدە يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتى ئېغىر تالاپەت يەتكۈزدى

ھىندونېزىيەنىڭ غەربىي جاۋا ئۆلكىسىدە مۇشۇ ھەپتىنىڭ باشلىرىدا يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتىدە 24 مىڭ 813 كىشى تالاپەتكە ئۇچرىدى.

1181178
ھىندونېزىيەدە يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتى ئېغىر تالاپەت يەتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندونېزىيە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ باياناتچىسى سۇتوپو پۇرۋو نۇگروھو، سۇ ئاپىتىدە ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان جاۋا ئۆلكىسىگە قاراشلىق باندۇڭ شەھىرى ۋە ئەتراپىدىكى رايونلاردىن 700 كىشىنىڭ بىخەتەر جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، پۈتكۈل ئاپەت رايونىدا 24 مىڭ 813 كىشىنىڭ تالاپەتكە، 8 مىڭ 271 قۇرۇلۇشنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، 22 – ئاپرېلغىچە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغان رايوندا، ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىش پائالىيەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ھىندونېزىيەنىڭ پاپۇئا ئۆلكىسىدە ئالدىنقى ئايدا يۈز بەرگەن سۇ  ئاپىتىدە 100 دىن ئارتۇق كىشى قازا قىلغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، تىروپىك بەلۋاغ ئىقلىمىغا كىرىدىغان ۋە پەسىللىك يامغۇر مىقدارى كۆپ بولغان ھىندونېزىيەدە يىلبويى سۇ ۋە يەر كۆچۈش ئاپەتلىرى يۈز بېرىپ تۇرىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر