ۋاشىنگتون 16 ئەرەبىستانلىقنىڭ ئامېرىكىغا تەۋەلىكىگە كىرىشىنى مەنئى قىلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، مىنىستىر مايك پومپېيو نامىدىن سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقراسى 16 ئادەم توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

1180095
ۋاشىنگتون 16 ئەرەبىستانلىقنىڭ ئامېرىكىغا تەۋەلىكىگە كىرىشىنى مەنئى قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى يازغۇچىسى سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى جىنايىتى بىلەن چېتىشلىقى بار قارىلىۋاتقان 16 نەپەر سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقراسىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەۋەلىكىگە كىرىشىنىڭ مەنئىي قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، مىنىستىر مايك پومپېيو نامىدىن سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقراسى 16 ئادەم توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

«بۈگۈن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، جەمال قاشىقجىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدە رول ئوينىغان تۆۋەندىكى كىشىلەرنى جامائەتچىلىككە ئوچۇق شەكىلدە جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن باياناتتا، ئامېرىكىغا كىرىشى چەكلەنگەن 16 ئادەمنىڭ ئىسىم تىزىلىملىكىگىمۇ ئورۇن بېرىلدى.

تىزىملىكتە سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ سابىق باش مەسلىھەتچىسى سۇئۇد ئەلقەھتانى بىلەن بىرلىكتە ماھىر مۇترىب، سالاھ تۇبەيغى، مەشئەل ئەلبوستانى، نايىف ئەلئارىفى، مۇھەممەد ئەززەھرانى، مەنسۇر ئەبۇ ھۇسەيىن، خالىد ئەلئۇتەيبى، ئابدۇلئەزىز ئەلھەۋساۋى، ۋەلىد بىن سەھرى، سەئر ئەلھەربى، فەھد ئەلبەلاۋى، بەدىر ئەلئۇتەيبى، مۇستەفا ئەلمەدەنى، سائىف ئەلقەھتانى ۋە تۇركى ئەسسەھرى قاتارلىق سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقرالىرىنىڭ ئىسىملىرىغا ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا، يېتەرلىك دەلىل ۋە ئىشەنچلىك مەنبەگە ئىگە بولغىنىدا، «ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» ۋە «چىرىكلىك قىلمىشى» سادىر قىلغان چەت ئەل ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلەش ھوقۇقىنىڭ بېرىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە كىرىشنى چەكلەش بەلگىلىمىسى، 2018 – يىلى 2 – ئۆكتەبىردە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىدا جەمال قاشىقجى ئۆلتۈرۈلۈپ 6 ئايدىن كېيىن يولغا قويۇلدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 16 كىشىلىك تىزىملىكىدە، نويابىر ئېيىدا ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان تىزىملىكتىكى بىر كىشىنىڭ ئىسمىنىڭ بولماسلىقى دىققەتنى تارتتى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسولى مۇھەممەد ئەلكاتىبىنىڭ ئىسمى ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ تىزىملىكىدە ئورۇن ئالغانىدى، بىراق تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ جازا تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىلدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، مەزكۇر قارارنىڭ نېمىشقا ئەمدىلىكتە چىقىرىلغانلىقى توغرىسىدا ئىزاھات بەرمىدى.

ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى نويابىر ئېيىدا، خەلقئارا ماگنىتىسكىي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى دائىرىسىدە قاشىقجى جىنايىتىدە رول ئوينىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقراسى 17 ئادەمنىڭ ئىسمىنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنىدى.

ۋاشىنگتون دائىرىلىرى مەزكۇر تىزىملىككە سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ سابىق باش مەسلىھەتچىسى سۇئۇد ئەلقەھتانى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى مۇھەممەد ئەلكاتىبى ۋە مۇئاۋىنى ماھىر مۇترىب بىلەن بىرلىكتە سالاھ تۇبەيغى، مەشئەل ئەلبوستانى، نايىف ئەلئارىفى، مۇھەممەد ئەززەھرانى، مەنسۇر ئەبۇ ھۇسەيىن، خالىد ئەلئۇتەيبى، ئابدۇلئەزىز ئەلھەۋساۋى، ۋەلىد بىن سەھرى، سەئر ئەلھەربى، فەھد ئەلبەلاۋى، بەدىر ئەلئۇتەيبى، مۇستەفا ئەلمەدەنى، سائىف ئەلقەھتانى ۋە تۇركى ئەسسەھرى قاتارلىق سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقرالىرىنىڭ ئىسىملىرىنى كىرگۈزگەنىدى.

ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق جازا يۈرگۈزۈش قارارى، مەزكۇر كىشىلەرنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى مال – مۈلۈكلىرىنىڭ توڭلىتىشى ۋە ئامېرىكىلىقلار بىلەن سودا مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىنىڭ مەنئى قىلىنىشى قاتارلىقلارنى مەزمۇن قىلاتتى.

جازا يۈرگۈزۈش قارارىنىڭ قاشىقجى ئۆلتۈرۈلۈپ 45 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن چىقىرىلىشى دىققەتنى تارتقانىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى 2018 – يىلى 2 – ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىدا ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر