رىياد: ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشىنى قوللايمىز

سەئۇدى ئەرەبىستان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش قارارىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1179948
رىياد: ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشىنى قوللايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – سپانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش قارارى توغرىسىدا بايانات بەرگەن.

مەزكۇر قارارغا  «تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ئەمەلىي ۋە ئەستايىدىل تاشلانغان بىر قەدەم» دەپ باھا بېرىلگەن باياناتتا، ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارى ئارقىلىق سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە قىلغان «ئىران ھىمايىسىدىكى تېررورىزمنى ئېتىراپ قىلىش» چاقىرىقىنىڭ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

باياناتتا يەنە، خەلقئارا جەمئىيەت دۇنيانىڭ تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈۋاتقان ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىرىلغان.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تۈنۈگۈن ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ چەت ئەل تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئاقساراي دونالد ترامپ نامىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، «ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارالىق تېررورىزم دولقۇنىغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئىجرا قىلىشتىكى ئاساسلىق ۋاسىتىسىدۇر» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەرگەنىدى.

ئىران دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىمۇ ئامېرىكىنىڭ ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر