يەمەندە خولېرا سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى

يەمەندە ھۇسىيلار كونترول قىلىۋاتقان رايونلاردا كەڭ تارقالغان خولېرا كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى.

1178799
يەمەندە خولېرا سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۇسىيلار باشقۇرۇۋاتقان «سابا ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، تەشكىل قىلىنغان ھۆكۈمەتتە سەھىيە مىنىستىرلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان تاھا ئەلمۇتەۋەككىل، كونترول ئاستىدا تۇرۇۋاتقان رايونلاردا تارقىلىۋاتقان خولېرا كېسىلىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان.

ھۇسىيلار 6-ئاپرېل (شەنبە) خولېرانىڭ تارقىلىشىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن سانائادىكى بارلىق مەكتەپلەردىكى ئاشخانىلارنى تاقاشنى ئۇقتۇرغان.

يەمەندە، بولۇپمۇ ھۇسىيلار كونترول قىلىۋاتقان رايونلاردىكى رايونلاردا خولېرا كېسىلى تارقالماقتا ئىكەن.

ب د ت بالىلار فوندى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يازما باياناتىدا، بۇ يىل (2019) نىڭ بېشىدىن باشلاپ يەمەندە خولېرا بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋاللىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپەيگەنلىكى، 17-مارتقىچە 109 مىڭ كىشىنىڭ خولېرا بىلەن يۇقۇملانغانلىقى، 190 كىشىنىڭ يۇقۇملۇق خولېرا كېسىلى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلىقى دوكلات قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر