يەھۇدىي ياشلىرى ترامپقا نارازىلىق بىلدۈردى

«ئامېرىكالىق ياش يەھۇدىيلار»ناملىق ئاممىۋى تەشكىلاتقا ئەزا ياشلار دونالد ترامپقا نارازىلىق بىلدۈردى.

1178683
يەھۇدىي ياشلىرى ترامپقا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا، «ئامېرىكالىق ياش يەھۇدىيلا»ناملىق ئاممىۋى تەشكىلاتقا ئەزا ياشلار نارازىلىق بىلدۈردى.

مەملىكەتلىك يەھۇدىي جۇمھۇرىيەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن لاس ۋېگاستا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا سۆز قىلغان پىرېزىدېنت دونالد ترامپقا، بىر تۈركۈم يەھۇدىي ياشلىرى نارازىلىق بىلدۈردى.

دونالد ترامپ ئىسرائىلىيەنى قوللايدىغان مەملىكەتلىك يەھۇدىي جۇمھۇرىيەتچىلەر بىرلەشمىسى يىغىنىدا سۆز قىلدى.

بۇ يىغىنغا قاتناشقان ياشلار مۇنداق شوئار توۋلاشتى: «يەھۇدىيلار ئىشغالىيەت كېسەللىكتۇر دېيىش ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلدى، يەھۇدىيلار ئاق تەنلىك ئىرقچىلىقى كېسەلىكتۇر دېيىش ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلدى.»

ياشلارنىڭ شوئارىدىن كېيىن يىغىن زالىدا قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقتى، بۇنىڭغا قارىتا دونالد ترامپ سۆزىنى توختىتىشقا مەجبۇر بولدى.

زالدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان ياشلار يەنە ئىبرانىچە «بۇ دۇنيانى سۆيگۈ بىلەن بەرپا قىلىپ چىقىمىز»دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «ئولام چېسېد يىبانېخ»دەپ شوئار توۋلاشتى.

ئامېرىكالىق ياش يەھۇدىيلار تەشكىلاتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان  قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ترامپ ھازىرقى زاماندىكى پىرئەۋۇندۇر. جەمئىيىتىمىزنى ئىشغالىيەت ۋە ئاق تەنلىك ئىرقچىلىق ئىللىتىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىرىمىز.»

مەملىكەتلىك يەھۇدىي جۇمھۇرىيەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ترامپ بىلەن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇنى قوللىشىنىڭ مۇسەۋى ئەخلاق پىرىنسىپىغا زىت ئىكەنلىكىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرقچىلىق ۋە زورۋانلىق خاھىشى كۈچلۈك باياناتلىرىغا سىياسىي تون كىيدۈرۈش ئارقىلىق دۇنيا ۋە يەھۇدىي جەمئىيىتىنى خەتەرگە ئىتتىرۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر