ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئۆتۈش ئېغىزلىرى تاقىلىدۇ

ئىسرائىلىيەدە 9 – ئاپرېل كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىي سايلام سەۋەبىدىن ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى بارلىق ئۆتۈش ئېغىزلىرى تاقىلىدۇ.

1179263
ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئۆتۈش ئېغىزلىرى تاقىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، 9 – ئاپرېل كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىي سايلامنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن  ۋە سىياسىي يوليورۇقلارغا ئاساسەن  دۈشەنبە كۈنى يېرىم كېچىدىن ئېتىبارەن سەيشەنبە كۈنى يېرىم كېچىگىچە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى رايونلار ۋە غەززە رايونىدىكى بارلىق ئۆتۈش ئېغىزلىرىنىڭ بىردەك تاقىلىدىغانلىقى، ئۆتۈش ئېغىزلىرىنىڭ سەيشەنبە كۈنى يېرىم كېچىدە ئېچىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

بۇ دائىرىدە غەززە رايونىدىكى كېرىم ئەسۇ سالىم ۋە ئەرەز ئۆتۈش ئېغىزلىرىنىڭ تاقىلىپ، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىن ئىشلەش ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە ئۆتكەن پەلەستىنلىكلەرگە قارىتا ئۆتۈش رۇخسەتلىرىنىڭ توختىتىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئىسرائىلىيە يەھۇدىي ئولتۇراق رايونلىرىغا يېقىن يوللارنىڭمۇ تاقىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر