«ۋاشىنگتون ئامېرىكىنى پاتقاققا پاتۇرۇپ قويۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ»

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد زەرىف ۋاشىنگتوننىڭ ئىران  ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر ئارمىيەسىنى «چەت ئەللىك تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى  تىزىملىكى» گە كىرگۈزمەكچى بولۇۋاتقان ئامېرىكىنى قايتىدىن پاتقاقلىققا پاتۇرۇپ قويۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1179264
«ۋاشىنگتون ئامېرىكىنى پاتقاققا پاتۇرۇپ قويۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زەرىف، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىران  ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر ئارمىيەسىنى «چەت ئەللىك تېررورلۇق تەشكىلاتى» قىلىپ بېكىتىشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقىغا ئالاقىدار دەۋالار توغرۇلۇق ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنى بارلىق مەسىلىلەردە بېشىدا كۆتۈرۈۋاتقان ۋە ئۇزۇندىن بۇيان ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر ئارمىيەسىنى تېررورچى تەشكىلات دەپ ئېلان قىلىش ئۈچۈن غەيرەت كۆرسىتىۋاتقانلارنىڭ، بۇ مەسىلىنىڭ رايوندىكى ئامېرىكا  كۈچلىرى ئۈچۈن قانچىلىك دەرىجىدە ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ناھايىتى ئوبدان بىلىدۇ. بېنيامىن نېتانياھۇ باشچىلىقىدىكى ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر ئارمىيەسىنى تېررورچى تەشكىلات دەپ ئېلان قىلىش ئۈچۈن  غەيرەت كۆرسىتىۋاتقانلار ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى قايتىدىن پاتقاققا پاتۇرۇپ قويۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ترامپنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى يېڭى بىر بالايىئاپەتكە دۇچار قىلماسلىق ئۈچۈن بۇ ھەقىقەتلەرنى بىلىشى پايدىلىقتۇر.»

«‹ Wall Street Journal › گېزىتى» نىڭ ئىسمىنى  ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئامېرىكا ئەمەلدارىنى مەنبە كۆرسىتىپ خەۋەر قىلىشىچە، ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنىڭ ئىران قوراللىق قسىملىرىغا قاراشلىق ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر ئارمىيەسىنى مۇشۇ ھەپتە «چەت ئەللىك تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى» تىزىملىكىگە كىرگۈزىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ ھەقتە قارار ماقۇللانغان تەقدىردە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تۇنجى قېتىم باشقا بىر دۆلەتنىڭ ئارمىيەسىنى «تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزگەن بولىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر