تالىبان بىر ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلدى

تالىبان ئەزالىرىنىڭ ئافغانىستاننىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان گور ۋىلايىتىدىكى بىر ساقچى ئىدارىسىغا قىلغان ھۇجۇمدا 2 خەۋپسىزلىك خادىمى جېنىدىن ئايرىلدى.

1179232
تالىبان بىر ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گور ۋالىيلىق مەھكىمىسى باياناتچىسى ئابدۇلھەي خاتىبى، تالىبان ئەزالىرىنىڭ گورنىڭ شۇتۇرخان رايونىدىكى ساقچى ئىدارىسىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 2 خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۇجۇمدا بىر خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن خاتىبى، ھۇجۇمدىن كېيىن يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا تالىبان تەرەپتىنمۇ ئۆلگەنلەرنىڭ بولغانلىقىنى قەيت قىلدى.

تالىبان بۇ ھەقتە ھازىرغىچە ھېچقانداق بايانات بەرمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر