نانگارھاردىكى بىر ساقچى پونكىتى بومبىلىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئافغانىستاننىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان نانگارھار ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى جالالئاباد شەھىرىدە مەيدانغا كەلگەن بومبىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە بىر ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

1179226
نانگارھاردىكى بىر ساقچى پونكىتى بومبىلىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نانگارھار ۋالىيلىق مەھكىمىسى باياناتچىسى ئاتائۇللاھ خوگيارى، جالالئابادنىڭ 3 – رايونىدا يول بويىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنىڭ ساقچى ئاپتوموبىلى ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئەسنادا پارتلىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

خوگيارى، ھۇجۇمدا بىر ساقچىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 7 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھازىرغىچە ھېچقانداق تەرەپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر