نىگېرىيەدە ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا بەش كىشى جېنىدىن ئايرىلىپ، 46 كىشى يارىلاندى.

1178891
نىگېرىيەدە ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە دۆلەتلىك جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئاگېنتلىقىنىڭ بورنودىكى باياناتچىسى ئابدۇلقادىر ئىبراھىم، مۇنا گاراج رايونىدا يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا بەش كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىپ، 46 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يارىدارلارنىڭ داۋالاش ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى، جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىدا ئېشىش كۆرۈلۈشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ھۇجۇمغا، ھازىرچە ھېچقانداق كىشى ياكى تەشكىلات جاۋابكار بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر