ۋېنېزۇئېلا خەلقىنى مادۇرو دىيالوگقا، خۇەن نامايىشقا چاقىردى

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو پايتەخت كاراكاستا خەلقنى دىيالوگقا، ئۆكتىچى پارتىيە رەھبىرى خۇەن گۇايدو نامايىشقا چاقىردى.

1178371
ۋېنېزۇئېلا خەلقىنى مادۇرو دىيالوگقا، خۇەن نامايىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو پايتەخت كاراكاستا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشتا ئۆكتىچىلەرنى دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە چاقىرغان بولسا، ئۆزىنى مۇۋەققەت پىرېزىدېنت ئېلان قىلغان ئۆكتىچى پارتىيە باشلىقى خۇەن گۇايدو قوللىغۇچىلىرىنى يەنە نامايىش ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.

كاراكاستا ئۆتكۈزۈلگەن 2 ئايرىم يىغىلىشقا، ئۆكتىچى ۋە ھۆكۈمەت قوللىغۇچىلىرى بولۇپ مىڭلارچە ئادەم قاتناشتى.

ھاكىمىيەتتىكى ۋېنېزۇئېلا بىرلەشمە سوتسىيالىست پارتىيەسىدىن سىرت نۇرغۇن ئۇيۇشما ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن يىغىلىشقا قاتناشقان پىرېزىدېنت مادۇرو: ۋېنېزۇئېلانىڭ كېلەچىكى ۋە ياخشىلىقى ئۈچۈن ئۆكتىچىلەرنى مۇزاكىرە، دىيالوگ ۋە كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا چاقىرىمەن، مەن بۇ چاقىرىقنى پۈتۈن سەممىيىتىم بىلەن قىلىمەن، دېدى.

ئۇراگۋاينىڭ پايتەختى مونتېۋىدىيودا بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان يىغىنغا قاتناشقان مادۇرو، مېكسىكا پىرېزىدېنتى ئاندرېس مانۇئېل لوپېز ئوبرادور، ئۇراگۋاي پىرېزىدېنتى تابەرە ۋازكىيۇز ۋە بولىۋىيە پىرېزىدېنتى ئېۋو مورلېس قاتارلىق دۆلەت ئەربابلىرىنى "ئۆكتىچىلەر بىلەن بولغان دىيالوگلاردا مۇرەسسەلەشتۈرگۈچى بولۇشقا"چاقىردى.

پىرېزىدېنت مادۇرو يەنە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋېنېزۇئېلاغا تۇتقان ھۇجۇم خاراكتېرلىك پوزىتسىيەگە خاتىمە بېرىشى ئۈچۈن دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەردىنمۇ ئىنكاس قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

مادۇرو ۋېنېزۇئېلاغا قانچىلىك ئېمبارگو يۈرگۈزۈلۈشتىن قەتئىينەزەر چوقۇم ئۇتۇپ چىقىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ۋېنېزۇئېلا مىقىياسىدا تۆت قېتىملىق توك توختاپ كېتىش ۋەقەسى ئۈستىدە توختالغان مادۇرو، ئەڭ ئاخىرقى قېىتملىق توك توختاپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ كولومبىيە ۋە چىلىدىن قىلىنغان سىبەر ھۇجۇمى تۈپەيلى كېلىپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

پىرېزىدېنت مادۇرو توك توختاپ كېتىش ۋەقەسى ۋە كەينىدىلا سۇ تۇرۇببا لىنىيەلىرىدىن كېلىپ چىققان قىيىنچىلىقلارنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ، خەلقتىن سەۋر قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

خۇەن گۇايدونىڭ "ئەركىنلىك ھەرىكىتى"ناملىق نامايىش پىلانىنى قوللايدىغان ئۆكتىچىلەر پايتەختنىڭ سۇكرې، باۇرتا، لىبېرتادور ۋە چاكاۋ قاتارلىق رايونلىرىدا نامايىش ئۆتكۈزدى.

نامايىشتا ئۆكتىچىلەرگە خىتاب قىلغان خۇەن گۇايدو، نامايىشلارنى توك ۋە سۇ توختاپ كېتىش ۋەقەلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس ھۆكۈمەتنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ ئۆتكۈزگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ئۆكتىچى رەھبەر خۇەن گۇايدو چارشەنبە كۈنى "ئەركىنلىك ھەرىكىتى"نىڭ يېڭى باسقۇچىنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۆكتىچىلەرنى قايتىدىن مەملىكەت مىقىياسىدا نامايىش ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر