رۇسىيە ناتونى لىۋىيەنىڭ ۋەزىيىتىنى قالايمىقان قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگې لاۋرۋو،ناتونىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرى تۈپەيلى لىۋىيەدىكى ئىچكى توقۇنۇشلارنىڭ نائۇزىراپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى.

1178367
رۇسىيە ناتونى لىۋىيەنىڭ ۋەزىيىتىنى قالايمىقان قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگې لاۋرۋو، لىۋىيەدىكى ئىچكى توقۇنۇشلارنىڭ ناتونىڭ 2011-يىلدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرى تۈپەيلى ئۇزىراپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

 مىسىردا زىيارەتتە بولىۋاتقان لاۋروۋ، پايتەخت قاھىرىدە دۆلەتكە تەۋە ئېھرام گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ناتونىڭ 2011-يىلى لىۋىيە پىرېزىدېنتى مۇھەممەد قەززافىغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: لىۋىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ بۇنچىۋېلا ئۇزىراپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى ناتونىڭ بۇ دۆلەتكە ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشىدۇر. بۇ ئەھۋال لىۋىيەنىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ قالايمىقان قىلىۋەتتى، دېدى.

لىۋىيەنىڭ رايوندىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ مەنبەسى ۋە تېررورلۇق ئۈچۈن مۇۋاپىق يەرگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئېيتقان لاۋروۋ مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: "بىز نۆۋەتتىكى ئىختىلابلارنى ھەل قىلىشتىن باشقا، لىۋىيەدىكى سىياسىي تەرەپلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق ھاسىل قىلىشى ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك."

لاۋروۋ رۇسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى لىۋىيە ئالاھىدە ۋەكىلى غاسسام سەلامىنىڭ ، ئادىل سايلام ۋە ئاساسىي قانۇننى ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق لىۋىيە ۋەزىيىتىنىڭ نورماللىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان پىلان-لايىھەگە ئاساسەن ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا قوشما ئىشاتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ گولان تۆپىلىكىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىشى ئۈستىدە توختالغان لاۋروۋ، ئامېرىكانىڭ سىياسەتلىرىنىڭ زىددىيەتلىك ئىكەنلىكىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا، ئوتتۇرا شەرقنىڭ ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشتۇرۇشنى مەزمۇن قىلغان خەلقئارا قانۇننىڭ پىرىنسىپىلىرىنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگې لاۋروۋ، پەلەستىن مەسىلىسى ئۈچۈن ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش لايىھەسى تەدبىقلانمىغان ئەھۋالدا رايوندا ئادىل ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقنىڭ ئىشقا ئېشىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.


خەتكۈچ: #رۇسىيە , #ناتو

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر