ماكرون 7-ئاپرېل كۈنىنى «رىۋاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۈنى» ئېلان قىلغۇسى بارلىقىنى ئېيتتى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون 7-ئاپرېل كۈنىنى «رىۋاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۈنى»ئېلان قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1178566
ماكرون 7-ئاپرېل كۈنىنى «رىۋاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۈنى» ئېلان قىلغۇسى بارلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون، 7-ئاپرېل كۈنىنى «رىۋاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۈنى» ئېلان قىلغۇسى بارلىقىنى ئېيتتى.

ئېلېيسې سارىيى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ماكروننىڭ رىۋاندادىكى تۇتسىلەرگە قىلىنغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ 25-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە ماكروننىڭ 7-ئاپرېل كۈنىنى «رىۋاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۈنى»ئېلان قىلغۇسى بارلىقىمۇ ئەسكەرتىلدى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون، فىرانسىيەنىڭ رىۋاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىكى رولىنى تەكشۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن 1990-يىلدىن 1994-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى بارلىق فىرانسىيە ئارخىپلىرىنىڭ تەتقىقاتچى ۋە تارىخچىلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان  كومىتېت تەرىپىدىن تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رىۋاندادا 1994-يىلى ھۇتۇلار ئەينى دەۋردىكى پىرېزىدېنت جۇۋېنال ھابيارىمانانىڭ ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن تۇتسىلەرگە ئىرقىي قىرغىنچلىق ئېلىپ بارىدۇ.

رىۋاندادا 100 كۈن داۋاملاشقان بۇ قەتلىئامدا 800مىڭدىن ئارتۇق تۇتسى ئۆلۈپ كېتىدۇ.

فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ئىرقىي قىرغىنچلىق قىلمىشىنى سادىر قىلغان ھۇتۇ ھۆكۈمىتىنى ئۇزۇن يىل قوللاپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدە تەنقىد قىلىنىپ كەلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر