باڭلادېش ساقچىلىرى 115 ئاراكانلىقنىڭ مالايشىياغا كېتىشىنى تۇسۇپ قالدى

باڭلادېشتا ساقچىلار بىرما چېگراسى ئەتراپىدىكى بىر پاناھلانغۇچىلار لاگېرىدىن كېمىلەر ئارقىلىق مالايشىياغا كەتمەكچى بولغان 115 نەپەر ئاراكانلىق پاناھلانغۇچىلارنى تۇسۇپ قالدى.

1178176
باڭلادېش ساقچىلىرى 115 ئاراكانلىقنىڭ مالايشىياغا كېتىشىنى تۇسۇپ قالدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، باڭلادېشنىڭ جەنۇبىدىكى كۇتۇپالوڭ پاناھلانغۇچىلار لاگېرىدىن 115 نەپەر ئاراكانلىق پاناھلانغۇچىنىڭ دېڭىز يولى ئارقىلىق مالايشىياغا كېتىشكە ئورۇنۇشىنى توسۇپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

توسۇپ قىلىنغان ئاراكانلىقلاردىن 39 كىشىنىڭ ئايال ۋە 26 سىنىڭ كىچىك بالا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

پاناھلانغۇچىلارنى لاگېرغا تاپشۇرۇپ بەرگەن ساقچى ئەترىتى ئادەم ئەتكەسچىلىرىنى ئىزدەپ تۇتۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاراكانلىق پاناھلانغۇچىلارنىڭ مالايشىياغا بېرىش ئۈچۈن ئادەم ئەتكەسچىلىرىگە پۇل تۆلىگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر