تۈركىيە ئۇچقۇچىلىرىنىڭ «F-35» تەلىم-تەربىيەسى داۋاملىشىدۇ
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون) تۈركىيەگە ئائىت بىر دانە «F-35» ئايروپىلانىنىڭ تاپشۇرۇلۇپ بېرىلگەنلىكىنى، يەنە بىر ئايروپىلاننىڭ بۈگۈن (5-ئاپرېل) ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈركىيەگە ئائىت بىر دانە «F-35» ئايروپىلانىنىڭ تاپشۇرۇلۇپ بېرىلگەنلىكىنى ۋە تەلىم-تەربىيە ئۈچۈن لۇك (Luke) ھەربىي بازىسىغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى؛ يەنە بىر ئايروپىلاننىڭ بۈگۈن ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئېرىك پان ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ تۈركىيە ئۇچقۇچىلىرىنىڭ تەلىم-تەربىيەسى ئۈستىدە توختالغاندا: «تۈرك ئۇچقۇچىلارنىڭ تەلىم-تەربىيەسى توغرىسىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوق. تەلىم-تەربىيە ئىشلىرى داۋام قىىلدۇ» دېدى.
بۇنىڭ بىلەن، تۈركىيەنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكەن «F-35» سانى تۆتكە چىققان بولدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن تۈركىيەنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكەن ئىككى دانە «F-35» ئايروپىلانىغا مۇناسىۋەتلىك تەلىم-تەربىيە ئىشلىرى ئارىزونادىكى لۇك ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ باسقۇچ 2-1 يىلغىچە داۋام قىلىدۇ.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يەنە بىر باياناتچىسى چارلېس ئى. ساممېرس مىنىستىرلىقتا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تۈركىيە ئۇچقۇچىلىرىنىڭ لۇك ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىكى «F-35» تەلىم-تەربىيەسىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.