باڭلادىشتا 19 مىليوندىن ئارتۇق بالىنىڭ كېلەچىكى خەتەر ئاستىدا

ب د ت بالىلار فوندى (UNICEF) باڭلادىشتا كىلىمات ئۆزگىرىشىگە مۇناسىۋەتلىك تەبىئىي ئاپەتنىڭ 19 مىليوندىن ئارتۇق بالىنىڭ ھاياتىغا ۋە كېلەچىكىگە خەتەرلىك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگالاندۇردى.

1177926
باڭلادىشتا 19 مىليوندىن ئارتۇق بالىنىڭ كېلەچىكى خەتەر ئاستىدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت بالىلار فوندى باڭلادىشتىكى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە مۇناسىۋەتلىك تەبىئىي ئاپەتنىڭ 19 مىليوندىن ئارتۇق بالىنىڭ ھاياتى ۋە كېلەچىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان دوكلات ئېلان قىلدى.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە مۇناسىۋەتلىك سۇ ئاپەتلىرى، سىكلون ۋە باشقا مۇھىت خاراكتېرلىك ئاپەتلەرنىڭ تەسىرى سەۋەبىدىن 19 مىليوندىن ئارتۇق بالىنىڭ ھاياتى ۋە كېلەچىكى خەتەر ئاستىدا ئىكەن.

دوكلاتتا، يۇقىرىدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا، بىرمادىن قېچىپ باڭلادىشتىكى شارائىتى ناچار لاگېرلاردا تۇرۇۋاتقان يۈز مىڭلارچە ئاراكانلىق مۇسۇلمان بالىلىرىنىڭمۇ كىرگۈزۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

دوكلاتتا، باڭلادىش مىقياسىدا ئائىلىلەرنىڭ، دېھقانچىلىق ئېتىزلىرىنىڭ شورلىشىشى، سۇ ئاپەتلىرى ياكى ئېقىن سۇلىرىنىڭ ئازىيىشى سەۋەبىدىن يېزىلاردىكى ھاياتلىق مەنبەلىرىدىن ئايرىلىپ چوڭ شەھەرلەرگە كۆچۈۋاتقانلىقى، نۇرغۇن بالىلارنىڭ ھاياتتا قېلىش ئۈچۈن كىچىك ياشتا ئىشلەشكە، ئۆيلىنىشكە ياكى ھەر خىل ئەتكەسچىلىككە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى ئالاھىدە قەيت قىلىندى.

ب د ت بالىلار فوندىنىڭ داككادىكى باياناتچىسى جېن جەكۋېس سىمون (Jean-Jacques Simon) بىرلەشمە ئاگېنتلىق (AP) قا بەرگەن باياناتىدا، تەخمىنەن 12 مىليوندىن ئارتۇق بالىنىڭ سۇ تاشقىنى يۈز بېرىدىغان دەريا بويلىرى ئەتراپىدا، 3 مىليون بالىنىڭ قۇرغاقچىلىقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان يېزا ئىگىلىكى رايونلىرىدا ياشايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكلاتتا بىلدۈرۈلىشىچە، شارائىتى ناچار لاگېرلاردا ياشاۋاتقان تەخمىنەن يېرىم مىليوندىن ئارتۇق ئاراكانلىق بالا ۋە باشقا 4 يېرىم مىليوندىن ئارتۇق بالا سىكلون كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىۋاتقان يېزا رايونلىرىدا ياشايدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر