ب د ت: ۋېنېزۇئېلا كىرىزىسى بىر مىليوندىن ئارتۇق كىچىك بالىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) بالىلار پاراۋانلىق فوندى، ۋېنېزۇئېلادىكى كىرىزىسنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىنسانىي ياردەمگە موھتاج بالىلارنىڭ سانىنىڭ 1 مىليون 100 مىڭغا يېتىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1177788
ب د ت: ۋېنېزۇئېلا كىرىزىسى بىر مىليوندىن ئارتۇق كىچىك بالىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت بالىلار پاراۋانلىق فوندىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، ۋېنېزۇئېلادا داۋاملىشىۋاتقان كىرىزىسنىڭ بالىلارغا كۆرسەتكەن تەسىرى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا، ۋېنېزۇئېلادا يۈز بەرگەن كىرىزىسنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بالىلار سانىنىڭ ئىككى ھەسسە كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ، قوشنا دۆلەتلەرگە كەتكەنلەرنى قوشقاندا 1 مىليون 100 مىڭ بالىنىڭ قوغدىنىشقا ۋە ياردەمكە موھتاج بولىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

بىرازىلىيە، كولومبىيە، ئېكۋاتور ۋە گۇياناغا ئوخشاش رايون دۆلەتلىرىدىكى 4 مىليون 900 مىڭ ۋېنېزۇئېلالىقنىڭمۇ ئىنسانىي ياردەمگە ھاجىتى چۈشىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، رايون دۆلەتلىرى بالىلار، كۆچمەنلەر ۋە مۇساپىرلارنىڭ ئاساسلىق ئېھتىياجلىرىنى قامداشقا چاقىرىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دوكلاتىغا قارىغاندا، ۋېنېزۇئېلا نوپۇسىنىڭ تۆتتىن بىرىگە يېقىنىنى تەشكىل قىلدىغان 7 مىليون ئادەم ئىنسانىي ياردەمگە موھتاج ئىكەن.

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نېكولاس مادۇرو، دۆلىتىدىكى كىرىزىسنىڭ جاۋابكارىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئۇ يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگولار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

يەنە بىر تەرەپتىن، ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئامېرىكىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئالدىمىزدىكى ھەپتە يىغىنى چاقىرىپ، ۋېنېزۇئېلادىكى ئىنسانىي كىرىزىسقا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشى كۈتۈلمەكتە.

ۋېنېزۇئېلادىكى سىياسىي كىرىزىس، كۆپ سانلىقى ئۆكتىچىلەرنىڭ قولىدىكى ۋېنېزۇئېلا مىللىي مەجلىسنىڭ باشلىقى خۇەن گۇايدونىڭ، ئۆكتىچىلەرنىڭ يىغىلىشىدا ئۆزىنى «مۇۋەققەت پىرېزىدېنت» دەپ ئېلان قىلىشى بىلەن باشلانغانىدى.

ئارقىدىن باشتا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بولۇپ ئاۋسترالىيە، كانادا، كولومبىيە، پېرۇ، ئېكۋادور، پاراگۋاي، بىرازىلىيە، چىلى، پاناما، ئارگېنتىنا، كوستا رىكا ۋە گىۋاتېمالاغا ئوخشاش دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغانىدى، ئارقىدىن ياۋروپا پارلامېنتىمۇ بۇ يۆنىلىشتە قەدەم تاشلىغانىدى.

تۈركىيە، مېكسىكا، رۇسىيە، كۇبا، خىتاي ۋە بولىۋىيە بولسا، ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نېكولاس مادۇرو ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، مادۇرومۇ ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن دىپلوماتىك ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزۈپ تاشلىغانلىقىنى، بىراق سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر