ئامېرىكا ھىندىستانغا 24 دانە تىك ئۇچار ئايروپىلان سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىدى

مۇتەخەسسىسلەر تىك ئۇچار سېتىپ بېرىشنىڭ ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، قوراللىنىش رىقابىتىگىمۇ تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

1177235
ئامېرىكا ھىندىستانغا 24 دانە تىك ئۇچار ئايروپىلان سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Press Trust of India» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ھىندىستانغا «Lockheed Martin» زاۋۇتى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان 24 دانە «MH-60R» تىپلىق تىك ئۇچار ئايروپىلان سېتىپ بېرىلىشىنى تەستىقلىغانلىقى، بۇ تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ دېڭىز ئاستى پاراخوتلارنى تەقىب قىلىشتىن باشقا يەنە، ئىزدەپ قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىغىمۇ ئىگە ئىكەنلىكى ۋە ئەنگلىيەدە ئىشلەپچىقىلغان «دېڭىز يولۋۇسى» ناملىق تىك ئۇچار ئايروپىلانلاردىن تەشكىل تاپقان قىسىملىرىنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە، سېتىپ بېرىلىدىغان تىك ئۇچارلارنىڭ ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 2 مىليارد 600 مىليون دوللار ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بۇ سېتىپ بېرىشنىڭ ئامېرىكا بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسدىكى ئىستىراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتنىڭ كۈچلىنىشى، ھىندى ئوكيان ۋە جەنۇبىي ئاسىيانىڭ ئىقتىسادىي تەرققىياتى، تىنچلىقى ۋە سىياسىي مۇقىملىقىغا نىسبەتەن مۇھىم بىر كۈچ بولۇشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان ئالدىنقى قاتاردىكى مۇداپىئە شىرىكلىرى بىلەن بولغان ئۆزئارا ئىشەنچنىڭ ئېشىىشغا ياردەم قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە تاشقى سىياسىتىگە كۈچ قاتىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ھىندىستانلىق مەسئۇللار بۇ ھەقتە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسلىرى تىك ئۇچار سېتىپ بېرىش كېلىشىمىنىڭ ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئۆز نۆۋىتىدە  يەنە، قوراللىنىش رىقابىتىگىمۇ تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر