جاممۇ كەشمىردىكى بىر تاش يولنى بەزى كۈنلىرى پەقەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىلا ئىشلىتىدىكەن

ھىندىستان، دۆلەت تاش يولىنىڭ جاممۇ كەشمىر رايونىدىن ئۆتىدىغان قىسمىغا خەۋپسىزلىك تەدبىرلىرى دائىرىسىدە ھەپتىنىڭ بەزى كۈنلىرىدە نورمال قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ كىرگۈزۈلمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1177334
جاممۇ كەشمىردىكى بىر تاش يولنى بەزى كۈنلىرى پەقەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىلا ئىشلىتىدىكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاندىكى مەركىزىي ھۆكۈمەت بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، دۆلەت تاش يولىنىڭ جاممۇ كەشمىر رايونىدىن ئۆتىدىغان قىسمىنىڭ مەھەللىي پارلامېنت سايلاملىرى بويىچە ھەپتىنىڭ مۇئەييەن كۈنلىرىدە پەقەت ھىندىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىنلا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قارارنامىدە، «پارلامېنت سايلاملىرى بويىچە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئاپتوموبىللىرىغا قىلىنىدىغان ھەرقانداق بىر ئادەم بومبا ھۇجۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى سۈپىتىدە، دۆلەت تاش يولىنىڭ سرىناگار ۋە جاممو رايونىلىرى ئارىسىدىكى قىسمى ھەپتىنىڭ مۇئەييەن كۈنلىرى خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە ئاجرىتىلدى. مەزكۇر كۈنلەردە نورمال ئاپتوموبىللارنىڭ تاش يولىغا كىرىشىگە يول قويۇلمايدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ چەكلىمە 31 – مايغىچە كۈچكە ئىگە ئىكەن.

چەكلىمە جاممۇ كەشمىر ئاھالىسى ئارىسىدا نارازىلىق پەيدا قىلدى. ھىندىستان تەرەپدارلىقى بىلەن تونۇلغان سابىق جاممۇ كەشمىر رايونى باش مىنىستىرى مەھبۇبە مۇفتى تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «مېنىڭ بىلىدىغىنىم، بۇ يەر دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتاتتى، ھالبۇكى جىددىي ھالەت تۈزۈمى ئىمىش. كەشمىرنى ئۇرۇشنىڭ گىرۋىكىگە كەلتۈرۈپ قويغان مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ، بۇنى بەدىلىنى بارلىق كەشمىرلىكلەرگە تۆلەتكۈزۈش ئىرادىسى قەتئىيدەك قىلىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

كەشمىرلىك يازغۇچى مىرزا ۋاھىدمۇ بۇ ھەقتە ئۇچۇر تارقىتىپ، «بۇ ئىش، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە يۈزگۈزۈۋاتقان بېسىم ۋە يەكلىگۈچى تۈزۈمنى ئىجرا قىلىش تاكتىكىسىنى ئۆتنە ئېلىپ تۇرغانغا ئوخشايدۇ.» دېدى.

قارار، جاممۇ كەشمىر رايونىدا 14 – فېۋرالدا يۈز بېرىپ 44 ساقچىنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بومبىلىق ھۇجۇمدىن كېيىن، پاكىستان بىلەن ھىندىستاننى ئۇرۇشنىڭ گىرۋىكىگە كەلتۈرۈپ قويغان سوغۇقچىلىقتىن كېيىن چىقىرىلدى.

يېڭى دېھلى دائىرىلىرى، ھۇجۇمدىن كېيىن پاكىستاننى ئەيىبلىدى. ھۇجۇمنى ئەيىبلىگەن پاكىستان بولسا، ئۆزىگە قارىتىلغان ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى.

ھىندىستان، 26 – فېۋرالدا كەشمىر كونترول لىنىيەسىنىڭ پاكىستان تەرىپىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى نىشانلىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، پاكىستان ھاۋا تەۋەلكىگە دەخلى قىلغان، پاكىستاننىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشىدىن كېيىن ئىككى دۆلەت ئۇرۇشنىڭ گىرۋىكىگە كېلىپ قالغانىدى.

ئەنگلىيە، 1947 - يىلى ھىندىستاندىن چېكىنىپ چىقىپ كەتكەن چېغىدا، كەشمىرگە پاكىستان ياكى ھىندىستاندىن بىرىنى تاللاپ قوشۇلۇپ كېتىش ئىختىيارلىقىنى بەردى.

نوپۇسىنىڭ %90 نى مۇسۇلمانلار تەشكىل قىلىدىغان كەشمىر خەلقى، 1947 – يىلى پاكىستانغا قېتىلىپ كېتىشنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئۆز دەۋرىنىڭ خانى ھىندىستانغا قوشۇلۇپ كېتىشكە قارار قىلدى؛ ئۇنىڭ قارارىغا مۇسۇلمان كەشمىر خەلقى قارشى چىقتى.

پاكىستان بىلەن ھىندىستاننىڭ رايونغا ئەسكەر ئەۋەتىشى بىلەن تەرەپلەر تۇنجى قېتىم 1947-يىلى ئۇرۇشتى. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئوخشاش سەۋەبلەر تۈپەيلى 1965 ۋە 1999- يىللىرىمۇ ئۇرۇش يۈز بەردى.

پاكىستان، ھىندىستاننىڭ كەشمىر خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە پىسەنت قىلماستىن جاممۇ كەشمىرنى ئىشغال قىلغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە.

ھىندىستان بولسا، جاممۇ كەشمىرنىڭ ئۆز زېمىنى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلماقتا ۋە پاكىستاننىڭ رايوندىكى بۆلگۈنچىلەرنى قوللاۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

كەشمىر بىر تاغلىق رايون بولۇپ، %45ى ھىندىستاننىڭ، %35 ى پاكىستاننىڭ تىزگىنى ئاستىدا تۇرماقتا. رايوننىڭ %20 لىك قىسمىغا بولسا خىتاي ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا. 1960 – يىلى خىتاينىڭ تىزگىنى ئاستىغا كىرگەن رايون «ئاقساي چىن» دەپ ئاتىلىدۇ.

ھىندىستان قولغا كىرگۈزۈۋالغان جايلارنى «جاممۇ كەشمىر» دېگەن نام ئاستىدا ئۆزىگە قاراتتى. جاممۇ كەشمىر ھازىرمۇ ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلار نوپۇسى كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان بىردىنبىر ئۆلكە ھېسابلىنىدۇ.

پاكىستان بولسا، ئۆز كونتروللۇقى ئاستىدىكى كەشمىرگە «ئازاد كەشمىر» ۋە «گىلگىت بالتىستان» دىن ئىبارەت ئىككى ئاپتونوم رايون سالاھىيىتى بەردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 1948- يىلىدىن بۇيانقى قارارلىرىدا، كەشمىرنىڭ ئەسكەرلەردىن خالىيلاشتۇرۇلۇشىنى ۋە كېلەچىكىنىڭ ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئارقىلىق بېكىتىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر