دانىيە پارلامېنت زالىغا بالىلارنى ئېلىپ كىرىشنى چەكلىدى

دانىيە پارلامېنتى رەھبەرلىك ھەيئىتى قارار چىقىرىپ، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بالىلىرى بىلەن بىرلىكتە پارلامېنتقا كېلىشىنى مەنئى قىلدى.

1176976
دانىيە پارلامېنت زالىغا بالىلارنى ئېلىپ كىرىشنى چەكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دانىيە پارلامېنتى باشلىقى پىئا كيائېرسگائارد، رەھبەرلىك ھەيئىتىنىڭ قارار چىقىرىپ، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ پارلامېنت زالىغا بالىلىرىنى ئېلىپ كېلىشىنى مەنئى قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

 رەھبەرلىك ھەيئىتىنىڭ پارلامېنت باشلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 ئەزاسىنىڭ ئاۋازىغا قويۇلغان قارارنىڭ كۆپ سانلىقنىڭ ئاۋاز قوشۇشى نەتىجىسىدە چىقىرىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى دانىيە پارلامېنت زالىغا بالىلارنى ئېلىپ كىرىش – كىرمەسلىك توغرىسىدا بىرەر بەلگىلىمە بولۇپ باقمىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئۆتكەي ئاي پارلامېنت يىغىنىغا بوۋىقى بىلەن بىرلىكتە كەلگەن كونسېرۋاتىپ پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزاسى مېتې ئابىلدسگائارد، پارلامېنت باشلىقى تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇلغان ۋە بوۋاقنىڭ سىرتقا ئېلىپ چىقىپ كېتىلىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر