زەرىف پومپېيونى يالغانغا چىقاردى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ باياناتىنى يالغانغا چىقاردى.

1176469
زەرىف پومپېيونى يالغانغا چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ ئىراندا يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ئىران قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ياردەم قىلدىىغانلىقىغا ئالاقىدار دەۋالىرىنى يالغانغا چىقاردى.

زەرىف ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، سۇ ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى ئېيقان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيوغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى، ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگولىرى سەۋەبلىك تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا چەت ئەللەردىن ياردەم قىلىنىشنىڭ مۇمكىن بولمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىران قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكى خەۋىرى يالغاندۇر. ئىران قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قانۇنسىز ئېمبارگولىرى سەۋەبلىك سىرتتىن ھېچقانداق ياردەمگە ئېرىشەلمەيۋاتقانلىقى راست. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىرانغا ئىقتىسادىي تېررورىزم يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.»

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى بېھرام قاسىمى، تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىرانغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىقتىسادىي ئېمبارگولىرى سەۋەبلىك ئاپەت رايونلىرىغا يېتەرلىك دەرىجىدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈشكە مۇمكىن بولمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بولسا، تۈنۈگۈن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، دۆلىتىنىڭ ئىران قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرگە ئېرىشىشىگە توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقىغا ئالاقىدار دەۋانىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى قەيت قىلىنغانىدى.

ئىران مىقياسىدا تەخمىنەن ئىككى ھەپتە ياغقان قارا يامغۇر سەۋەبىدىن مەيدانغا كەلگەن سۇ ئاپىتىدە 57 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر