بىر يولۇچى 188 كىشىلىك ئايروپىلاندا ئۆزىنىڭ يالغۇزلۇقىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى

ئىتالىيەگە بېرىش ئۈچۈن ئايروپىلانغا چىققان لىتۋانىيەلىك يولۇچى ئايروپىلاندا بىردىن بىر يولۇچى بولۇپ سەپەر قىلدى.

1176527
بىر يولۇچى 188 كىشىلىك ئايروپىلاندا ئۆزىنىڭ يالغۇزلۇقىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىتۋانىيەلىك سكىرماتىس ستىرماتىس مۇز تىيىلىش تەتىلى ئۈچۈن ئىتالىيەنىڭ شىمالىدىكى بېرگامو شەھىرىگە بامراقچى بولۇپ، ئايروپىلانغا چىققاندا كۈتۈلمىگەن بىر ئىشقا ئۇچرىدى. 

ستىرماتىس 188 كىشىلىك «Boeing 737-800» تىپلىق ئايروپىلاندا ئۆزىدىن باشقا يولۇچى يوقلۇقىنى كۆردى.

ئايروپىلاندا سىترىماتىستىن باشقا ئىككى ئۇچقۇچى ۋە بەش كۈتكۈچى خادىم بار ئىدى.

نوۋاتۇرېس ساياھەت شىركىتى ئايروپىلاننىڭ ئىتالىيەدىكى بىر گۇرۇپپىنى لىتۋانىيگە قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن كېتىپ بارغانلىقىنى ۋە قۇرۇق بارماسلىق ئۈچۈن بىر قات بىلەت ساتقانلىقىنى بىلدۈردى.

سىترامىس بولسا، بېلەت ئالغان بىردىن بىر يولۇچى بولدى.

سىترامىس «Associated Press» گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، 2 سائەتتىن ئۇزۇن داۋاملاشقان ئايروپىلان سەپىرىگە قارىتا «ھاياتتا چوقۇم بىر قېتىم بولسىمۇ كۆرۈپ بېقىشقا تېگىشلىك بىر تەجرىبە» دەپ باھا بەردى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر