زىمبابۋېدىكى بوران - چاپقۇن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۆپەيدى
زىمبابۋېدا «ئىداي» ناملىق بوران - چاپقۇن ۋە سۇ ئاپەتلىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 299 غا يەتتى.
1175631
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زىمبابۋې يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى جۇلى مويونىڭ ئېيتىشىچە، دۆلەتنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتقان «ئىداي» ناملىق بوران - چاپقۇن ۋە سۇ ئاپەتلىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 189 دىن 299 غا يەتكەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاپەتتە 329 كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى، ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
دۆلەتتە مارت ئېيىدا مەيدانغا كەلگەن «ئىداي» ناملىق بوران - چاپقۇن ۋە سۇ ئاپەتلىرىدە 1 مىليوندىن ئارتۇق كىشى تالاپەتكە ئۇچرىغان، يۈزلەرچە كىشى يارىلانغانىدى.