ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بىر پەلەستىنلىكنى شېھىت قىلدى

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى قۇددۇسنىڭ شىمالىغا جايلاشقان كالېندىيا پاناھلانغۇچىلار لاگېرىدا بىر پەلەستىنلىكنى ئېتىپ ئۆلتۈردى.

1175266
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بىر پەلەستىنلىكنى شېھىت قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شاھىدلاردىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۈگۈن ئەتىگەن كالېندىيا پاناھلانغۇچىلار لاگېرىغا بېسىپ كىرگەن ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئەلى ئەدۋا ئىچىدە ئولتۇرغان بىر ئاپتوموبىلنى ئوققا تۇتقان. ئەلى ئەدۋا ئىسئالىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئاتقان ئوقىدا شېھىت بولغان.

پەلەستىن سەھىيە مەنبەلىرى ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئەلى ئەدۋانىڭ جەسىتىنى بىر قانچە سائەتكىچە بەرمىگەنلىكىنى ۋە كېيىن پەلەستىن سەھىيە مەركىزىگە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر