ئامېرىكا ھىندىستاننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى ئاگېنتلىقى «NASA»، ھىندىستاننىڭ سۇنئىي ھەمراھلارنى ئېتىپ چۈشۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1175570
ئامېرىكا ھىندىستاننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى ئاگېنتلىقى «NASA» نىڭ باشلىقى جىم بىرىدېنستاين خەلق بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدىكى سۆزىدە، ھىندىستاننىڭ 27مارتتا دۇنيانىڭ تۆۋەن ئوربىتىدىكى ئۆزىگە تەۋە سۇنئىي ھەمراھنى ئېتىپ چۈشۈرۈپ، سۇنئىي ھەمراھقا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى قىلغانلىقى ئۈستىدە توختالدى.

سىناق نەتىجىسىدە سۇنئىي ھەمراھنىڭ 400 پارچىگە ئايرىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن جىم بىرىدېنستاين ئالەم بوشلىقىدا پەيدا قىلىنغان بۇ ئەخلەتلەرنىڭ خەلقئارا ئالەم قاتنىشى ئىستانسىسى «ISS» نىڭ پائالىيەتلىرىگە سەلىبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

جىم بىرىدېنستاين: «بو تولىمۇ ناچار بىر ئىش. خەلقئارا ئالەم قاتنىشى ئىستانسىسى ئۆتىدىغان ئوربىتىدە ئەخلەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىگە يول ئېچىش تولىمۇ ناچار بىر ئىش. بۇ پوزىتسىيە ئىنسانىيەتنىڭ ئالەم بوشلۇقى سوپىرىگە ماس كەلمەيدۇ» دېدى.

ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندىرا مودى «شاكتى» (كۈچ) دەپ نام بېرىلگەن بۇ سىناقنىڭ ھىندىستاننى شۇ خىل ئىقتىدارغا ئىگە ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە خىتايغا ئوخشاش چوڭ كۈچلەرنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

خىتاي سۇنئىي ھەمراققا قارشى تۈنجى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى 2007يىلى قىلغان ۋە دۇنيادىكى باشقا چوڭ كۈچلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى.

ئامېرىكا ۋە رۇسىيەمۇ 1980يىلى بۇ تېخنىكىنى غەلىبىلىك سىناق قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سۇنئىي ھەمراھقا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىدا، كۆپ مىقداردا ئالەم بوشلۇقى ئەخلىتى پەيدا بولۈشتەك خەۋپ سەۋەبىدىن 1985يىلى بۇ خىل سىناقلارغا خاتىمە بەرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر