سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئەنگلىيە قوشما ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئەنگلىيە «3 – قېتىملىق ئورتاق چۆل ئەسكەرلىرى» ناملىق قوشما ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى.
1175755
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى « SPA » نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان ھاۋا ئارمىيەسى بىلەن ئەنگلىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا تۈنۈگۈن سەئۇدى ئەرەبىستانبنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ھەربىي رايوندا «3 – قېتىملىق ئورتاق چۆل ئەسكەرلىرى» ناملىق قوشما ھەربىي مانىۋېر باشلانغان.
ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، قىسىملارنىڭ ئۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ۋە ھەربىي ھەرىكەت پىلانلىرى ساھەسىدە تەجرىبە – ساۋاقلارنى يەكۈنلەش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن مانىۋېرنىڭ نىشانى، ئالدىنقىلىرىنىڭ داۋامى ھېسابلىنىدىكەن.
ئەنگلىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئاخىرقى قېتىم 2016 – يىلى 25 – نويابىردىن 6 – دېكابىرغىچە «يېشىل بايراق» نامى ئاستىدا قوشما ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزگەنىدى.