قاتار ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ گولان ئېگىزلىكى قارارى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى

قاتار ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ گولان ئېگىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك چىقارغان قارارىنى «خەتەرلىك ئاقىۋەتلەر» نى پەيدا قىلىشى مۇمكىن دەپ ئاگاھلاندۇردى.

1175303
قاتار ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ گولان ئېگىزلىكى قارارى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار «QNA» ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، شۇرا مەجلىسىنىڭ ئەھمەت بىن ئابدۇللاھ ئال مەھمۇتنىڭ باشچىلىقىدا چاقىرىلغان ھەپتىلىك يىغىنىدا، ئامېرىكانىڭ گولان ئېگىزلىكى قارارى مۇزاكىرە قىلىنغان.

يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئامېرىكانىڭ گولان ئېگىزلىكى ئۈستىدە «ئىسىرائىلىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى» نى ئېتىراپ قىلغانلىقى ئەيىبلەندى ۋە مەزكۇر قارارنىڭ قەتئىي قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«ئامېرىكانىڭ قارارى، خەلقئارالىق قانۇنغا، ب د ت كېلىشىمىگە ۋە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قارارلىرىغا خىلاپ. ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، گولان ئېگىزلىكىنىڭ سۈرىيەنىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىدەك ھەقىقەتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.»

ئامېرىكانىڭ غەيرىي رەسمىي قارارىنىڭ خەتەرلىك ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىنلىكى ئاگاھلاندۇرۇلغان باياناتتا، بولۇپمۇ بۇ قەدەمنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدىغانلىقى ۋە رايون مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، ئادىل، كاڭ دائىرىلىك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقنىڭ، ئىسىرائىلىيە پەقەت 1967-يىلى ئىشغال قىلىۋالغان ئەرەب زېمىنلىرىدىن چېكىنگەندە ۋە پايتەختى قۇددۇس بولغان پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلغاندا ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 2019-يىلى 25-مارت ئاقسارايدا ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ بىلەن كۆرۈشكەندە، «گولان ئېگىزلىكىدە ئىسىرائىلىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغانلىقى» نى جاكارلىغان پىرېزىدېنتلىق قارارنامىسىنى ئىمزالىغان ئىدى.

سۈرىيە زېمىنى بولغان گولان ئېگىزلىكى 1967-يىلىدىن بۇيان ئىسىرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدا تۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر