ياپونىيەدىكى يېڭى ئىمپېراتورلۇق دەۋرىگە «رېيۋا»نامى بېرىلدى

ياپونىيەدە پادىشاھ نارۇخىتونىڭ ئىمپېراتورلۇق دەۋرىگە «رېيۋا»نامى بېرىلدى.

1174780
ياپونىيەدىكى يېڭى ئىمپېراتورلۇق دەۋرىگە «رېيۋا»نامى بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەدە پادىشاھ نارۇخىتونىڭ ئىمپېراتورلۇق دەۋرىگە ئىنتىزام ۋە تەرتىپ مەنىسىنى بىلدۈردىغان «رېيۋا»نامى بېرىلدى.

ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې، «رېيۋا» نامىنىڭ 7-ئەسىردىكى «مەنيوشۇ»ناملىق ياپون شىئىرلار توپلىمىدىن نەقىل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

شىنزو ئابې ھۆكۈمەتنىڭ بۇ نامنى «قەھرىتان قىشتىن كېيىن باھارنىڭ كېلىشى بىلەن ئېچىلىدىغان چىچەكلەرگە ئوخشاش، يايونىيەنى ھەممە ئادەمنىڭ چۈشىنى رىئاللىقا ئايلاندۇرىدىغان ماكان ھالىتىگە ئايلاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلىپ»تاللىغانلىقىنى ئېيتتى.

باش ۋەزىر شىنزو ئابې، «مەنيوشۇ»ناملىق ئەسەرنىڭ ياپونىيەنىڭ باي مەدەنىيىتى ۋە ئەنئەنىسىنىڭ سىمۋوللىرىدىن بولغان شىئىرلار توپلىمى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: مىللىتىمىز بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ، مىللىتىمىزنىڭ چوقۇم ئېسىدا ساقلىشى كېرەك بولغان نۇرغۇن مەنىۋى بايلىقلىرىمىز بار، دېدى.

ياپونىيەدە تەخمىنەن 1400 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم بىر ئىمپېراتورلۇق دەۋرىنىڭ نامى خىتاي كلاسسىك ئەسەرلىرىدىن ئەمەس ياپون شىئىرلار توپلىمىدىن تاللاندى.

ياپونىيەدە تۇنجى قېتىم ئۆزلىكىدىن تەختتىن چېكىنگەن ئىمپېراتور ئاكىخىتونىڭ دەۋرى «خېيسېي»دەپ ئاتىلىدۇ، «خېيسېي» «تىنچلىققا ئېرىشىش»مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.


خەتكۈچ: #ياپونىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر