ئەرەب ئىتتىپاقى رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ خىتابنامىسى ئېلان قىلىندى

تۇنىستا ئۆتكۈزۈلگەن 30-نۆۋەتلىك ئەرەب ئىتتىپاقى رەھبەرلەر يىغىنىدا، پەلەستىن-ئىسىرائىلىيە توقۇنۇشى قاتارلىق رايوندىكى مەسىلىلەرگە كەڭ دائىرىلىك ھەل قىلىش چارىسى تېپىش چاقىرىق قىلىندى.

1174846
ئەرەب ئىتتىپاقى رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ خىتابنامىسى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 30-نۆۋەتلىك ئەرەب ئىتتىپاقى رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ خىتابنامىسىدە: «ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ ئورنىتىلىشىنىڭ، پەلەستىن مەسىلىسى بىلەن ئەرەب-ئىسىرائىلىيە توقۇنۇشلىرىنىڭ كەڭ دائىرىدە ۋە ئادىل ھەل قىلىنىشىغا باغلىق ئىكەنلىكى» تەكىتلەندى.

پەلەستىن خامچوتىغا مالىيە جەھەتتىن ياردەم قىلىش مەجبۇرىيىتىنىڭ تەكرارلانغان خىتابنامىدە، خەلقئارالىق جەمئىيەتكە، ب د ت پەلەستىنلىك مۇساپىرلارغا ياردەم قىلىش تەشكىلاتىغا ئىزچىل ياردەم قىلىش چاقىرىق قىلىندى.

خىتابنامىدە، پەلەستىن خەلقىنى خەلقئارالىق قوغداشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئىسىرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى ۋە مەسجىدى ئەقسا قاتارلىق مۇقەددەس جايلارنى دەپسەندە قىلىش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىش تەلەپ قىلىنغاندىن باشقا، يەھۇدىي ئۇلۇس دۆلەت قانۇنىمۇ ئەيىبلەندى.

لىۋىيە كىرىزىسىگىمۇ ئورۇن ئاجرىتىلغان خىتابنامىدە، مەسىلىنى ھەربىي جەھەتتىن ھەل قىلىشنىڭ قوبۇل قىلىنمىغانلىقى ئەسكەرتىلدى ۋە مەسىلىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش چارىسىنىڭ ئەڭ تېز شەكىلدە كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى كېرەكلىكى قەيت قىلىندى.

خىتابنامىدە، گولان ئېگىزلىكىنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى زېمىن ئىكەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلىش بىلەن بىرگە، ئىسىرائىلىيەنىڭ بۇ زېمىنلاردا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن سىياسەتنى مەجبۇرىي تېڭىشنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى، گولان ئېگىزلىكىنىڭ قانۇنىي ئورنى ۋە نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلغان قارارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

يەمەن كىرىزىسى تىلغا ئېلىنغان خىتابنامىدە، ھۇسىيلارنىڭ ب د ت نىڭ نازارىتى ئاستىدا ستوكھولمدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە بويسۇنۇشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر