باڭلادېشتا مەيدانغا كەلگەن بوران-چاپقۇن ئاپىتىدە نۇرغۇن كىشى قازا قىلدى

باڭلادېشتا مەيدانغا كەلگەن تىروپىك بوران-چاپقۇن ئاپىتى تۈپەيلى 10 ئادەم قازا قىلدى.

1174416
باڭلادېشتا مەيدانغا كەلگەن بوران-چاپقۇن ئاپىتىدە نۇرغۇن كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باڭلادېشتا مەيدانغا كەلگەن تىروپىك بوران-چاپقۇن ئاپىتى تۈپەيلى 10 ئادەم قازا قىلىپ، نۇرغۇن ئادەم يارىلاندى.

ساقچى ۋە مېتېئورولوگىيە ئىدارىلىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسەن خەۋەر تارقاتقان يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، باڭلادېش مىقىياسىدا مەيدانغا كەلگەن تىروپىك بوران-چاپقۇن ھادىسىسىدە دەرەخلەر قومۇرلۇپ ، كېمىلەر چۆكۈپ كەتكەن، ھەتتا ئۆيلەرنىڭ تاملىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن.

پايتەخت داككا مىقىياسىدا بوران-چاپقۇن تۈپەيلى بۇرىگانگا دەرياسىدا بىر كېمىنىڭ چۆكۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 1 ئايال ۋە 1 بالا بولۇپ جەمئىي 6 كىشى قازا قىلغان.

سۇنامگانى، مولۋىبازار ۋە نېتروكونا قاتارلىق رايونلاردىمۇ ئاپەت تۈپەيلى 4 كىشى قازا قىلغان.

داككا مىدېتسىنا پاكۇلتىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بوران-چاپقۇندا يارىلانغان 18 كىشى دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر