ۋېنېزۇئېلا يەنە توكسىز قالدى

ئېغىر سىياسىي كىرىزىس ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ۋېنېزۇئېلا يەنە توكسىز قالدى.

1173960
ۋېنېزۇئېلا يەنە توكسىز قالدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېغىر  سىياسىي كىرىزىس ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ۋېنېزۇئېلادا تۈنۈگۈن يەنە توك توختاپ كەتتى.

تۈنۈگۈن ۋېنېزۇئېلا پايتەختى كاراكاس بولۇپ نۇرغۇن رايون ۋە شەھەر توكسىز قالدى.  

ۋېنېزۇئېلادا ئۇچۇر-ئالاقە، مەدەنىيەت ۋە ساياھەتچىلىككە مەسئۇل مۇئاۋىن پىرېزىدېنت  جورج رودرىگۇز، يېقىنكى كۈنلەردە مەملىكەت مىقىياسىدا 4 قېتىم  ئومۇميۈزلۈك توك توختاپ كەتكەنلىكىنى، بۇ قېتىمقى توك توختاپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ بۇرۇنقىسىغا ئوخشاش بۇزغۇنچىلىق نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.   

ۋېنېزۇئېلادا تەخمىنەن 1 ھەپتە داۋاملاشقان تۇنجى قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك توك توختاپ كېتىش ۋەقەسى بۇ يىل 7-مارتتا مەيدانغا كەلدى، 25-مارتتا مەيدانغا كەلگەن 2-قېتىملىق توك توختاپ كېتىش ۋەقەسى بولسا 2 كۈن داۋاملاشتى، پىرېزىدېنت نىكولاس مادۇرو بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ بىر مەرگەننىڭ ۋېنېزۇئېلادىكى ئەڭ چوڭ ئېلېكتر ئىستانسىسى بولغان گۇرىدىكى بىر توك تارقىتىش لىنىيەسىگە ئوق چىقىرىپ ئوت ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۆتكەن جۈمە كۈنى مەيدانغا كەلگەن توك توختاپ كېتىش ۋەقەسى بولسا تەخمىنەن 7 سائەت داۋاملاشتى.


خەتكۈچ: #ۋېنېزۇئېلا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر