ۋېنېزۇئېلادا خۇەن گايدوغا مەمۇرىي خىزمەتلەردىن چەكلەش جازاسى بېرىلدى

ۋېنېزۇئېلادا ئۆزىنى «ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت» دەپ ئېلان قىلغان خۇەن گۇايدو مەلۇم قىلغان مال-مۈلكىدە ۋە خىراجەتلىرىدىكى قالامىقانچىلىقى سەۋەب كۆرسىتىلىپ، 15 يىل بويىچە مەمۇرىي خىزمەتلەردىن چەكلەندى.

1172810
ۋېنېزۇئېلادا خۇەن گايدوغا مەمۇرىي خىزمەتلەردىن چەكلەش جازاسى بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلا دۆلەتلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئېلۋىس ئاموروسو خۇەن گۇايدوغا، مەمۇرىي خىزمەتلەردىن چەكلەش جازاسى بېرىلگەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ۋېنېزۇئېلا ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن ھەر قانداق پارلامېنت ئەزاسىنىڭ مال-مۈلكىنى ۋە مالىيە خىراجەتلىرىنى مەلۇم قىلىش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقى، خۇەن گۇايدونىڭ دۆلەت تەكشۈرۈش ئىدارىسىغا قىلغان مال-مۈلۈك مەلۇماتىدا قالايمىقانچىلىق بارلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، خۇەن گۇايدونىڭ 91 قېتىم خەلقئارالىق سەپەر قىلغانلىقىنى ۋە 300 مىليون بولىۋار (تەخمىنەن 94 مىڭ دوللار) خەجلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

نۇرغۇنلىغان غەرب دۆلەتلىرىدە «ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت» دەپ ئېتىراپ قىلىنغان خۇەن گۇايدونىڭ ھەر قانداق سەۋەب كۆرسەتمەستىن بەزى دۆلەت ئىچىدىكى ۋە خەلقئارالىق ئورگانلاردىن پۇل ئالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. خۇەن گۇايدونىڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئىسپاتلانغان تەقدىردە، جەرىمانە ياكى مەمۇرىي خىزمەتتىن چەكلەش جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر