تالىبان ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلدى

ئافغانىستاننىڭ غەزنە ۋىلايىتىدە تالىبان ئەزالىرى ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىپ، 9 ساقچىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

1173317
تالىبان ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەزنە ۋالىيلىق مەھكىمىسى باياناتچىسى مۇھەممەد ئارىف نۇرى بايانات بېرىپ، تالىبان ئەزالىرىنىڭ زاناخان ساي رايونىدىكى ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ۋەقەدە 9 ساقچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 6 ساقچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۇرى، توقۇنۇشتا تالىبان ئەزالىرىنىڭمۇ ئۆلگەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر