ۋېنېزۇئېلادا ئۆكتىچىلەر كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزىدىغان بولدى

ۋېنېزۇئېلادا ئۆزىنى ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت ئېلان قىلىۋالغان دۆلەت پارلامېنتى باشلىقى خۇان گۇايدو ئۆكتىچىلەرنى شەنبە كۈنى پۈتۈن دۆلەت مىقياسىدا نامايىش ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىق قىلدى.

1172153
ۋېنېزۇئېلادا ئۆكتىچىلەر كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزىدىغان بولدى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆكتىچى رەھبەر خۇان گۇايدونى ئامېرىكا قاتارلىق نۇرغۇنلىغان غەرب دۆلەتلىرى ۋە لاتىن ئامېرىكا دۆلىتىمۇ قوللاۋاتقان بولۇپ، ئۇ پايتەخت كاراكاسنىڭ ئەل پاراسو رايونىدا باشقا ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بىرسى بولغان دېموكراتىك ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ مەركىزىدە قوللىغۇچىلىرىغا خىتاب قىلدى. 

ۋېنېزۇئېلادىكى ئۆكتىچى رەھبەرلەردىن مانۇئېل رويالېس ۋە ھېنرىكۇ كاپرىلېسمۇ گۇايدوغا ھەمراھ بولدى.

گۇايدو توك كېسىلىش ۋەقەلىرى تەرەپكە ئىما قىلىپ، شەنبە كۈنى ھەممەيلەننىڭ كوچىلارغا چىقىشى كېرەكلىكىنى ۋە بۇ نامايىشنىڭ 6ئاپرىلدا ئۆتكۈزۈلىشى پىلانلانغان «ئەركىنلىك ھەرىكىتى» نىڭ بىر پىراكتىكىسى بولۇش ئەھمىىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. 

گۇايدو: «پۈتۈن دۆلەت مىقياسىدا، ئىدارە ئورگانلاردىكى يېتەرسىزلىكلەرگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن كوچىلارغا چىقىمىز. "توك كەتتى" دېيىشكىنىمىزچە پاسسىپ ئويۇنچىلارغا ئوخشاش كۈتۈپ ئولتۇرالمايمىز» دېدى.

گۇايدو ئۆز دۆلىتىگە قارىتا سىرتتىن ھەربىي مۇخادىلە قىلىنىشىنى قانۇنلۇق ھالغا كەلتۈرۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، كونكېرت ئىپادىلەرنى ئىشلەتمەستىن، بارلىق تاللاشلارنىڭ مۇزاكىرە قىلىنۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ئەھۋالنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.  

ۋېنېزۇئېلادا 7مارتتا يۈز بەرگەن ۋە تەخمىنەن 1 ھەپتە داۋاملاشقان توك كېسىلىش ۋەقەلىرىدىن كېيىن، مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدىمۇ دۆلەتنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمىغا تەسىر كۆرسەتكەن چوڭ توك كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ ئىشنىڭ بىر بۇزغۇنچىلىق ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

ۋېنېزۇئېلادا ئوقۇ ئوقۇتۇش ۋە باشقا پائالىيەتلەر ۋاقىتلىق توختىتىلدى ھەمدە باسقۇچمۇ باسقۇچ توك بىلەن تەمىنلەش يولغا قويۇلدى.

تۈنۈگۈن يەنە كەك كالەملىك توك كېتىش ۋەقەسى يۈز بەردى.

ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى توك كېتىش ۋەقەسىگە، مەۋجۇت رېمۇنت خىزمەتلىرى جەريانىدا مەيدانغا كەلگەن بىر بۇزۇلۇشنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ۋە پات يېقىندا پۈتۈن دۆلەتنىڭ توك بىلەن تولۇق تەمىنلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر