ئەنگلىيەدە ئىسلام دىنى ھەققىدە دەرس بېرىلىدىغان بىر مەكتەپ ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئەنگلىيەدە ئىسلام دىنى ھەققىدە دەرس ئۆتىلىدىغان بىر مەكتەپكە قىلىنغان ھۇجۇمدا، مەكتەپنىڭ دەرىزىلىرى چېقىۋېتىلدى، قۇرئان كەرىم يىرتىپ تاشلاندى.

1171659
ئەنگلىيەدە ئىسلام دىنى ھەققىدە دەرس بېرىلىدىغان بىر مەكتەپ ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەكتەپ مەسئۇلى ئىمام ئابدۇلمۇھىد، دۆلەتنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان نىيۇكاستېل بەھر ئاكادېمىيەسىدە دۈشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن ھۇجۇمدىن كېيىن، ساقچىلار بىلەن بىرلىكتە مەكتەپنىڭ مەسجىدىگە كىرگەنلىكلىرىنى ۋە مەكتەپنىڭ ئىچىدە 18 ياشتىن كىچىك 6 بالىنى كۆرگەنلىكلىرىنى، ھەممىلا يەرگە كۆيدۈرگۈچ بۇيۇملارنىڭ تۆكۈلگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىگە شاھىت بولمىدۇق، لېكىن، بىر گىلەمنىڭ كۆيۈپ كەتكەنلىكىنى كۆردۇق، گويا ئۇلار  مەسجىدنىڭ ئىچىدىكى ھەممە نەرسىنى كۆيدۈرۈۋېتىشكە تەييارلىنىۋاتقاندەك قىلاتتى، ئۆزئارا < مۇسۇلمان تېررورچىلار> ھەققىدە پاراڭلىشىپ،  ئىرىقچىلىق تۈسىنى ئالغان چاقچاقلارنى قىلىۋاتاتتى. نەق مەيدانغا يېتىپ بارغان تۇنجى تۈركۈمدىكى ساقچىلارنىڭ سانى يېتەرلىك بولمىغانلىقى ئۈچۈن 6 گۇماندار قېچىپ كەتتى، لېكىن ئۇلار سەيشەنبە كۈنى تۇتۇلدى، مەكتىپىمىز يېقىنقى 3 ئاي ئىچىدە 4 قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. ئەنگلىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان مەكتىپىمىز،  ئىسلام دىنىغا ئائىت دەرسلەر ئۆتىلىدىغان بىردىنبىر مەكتەپ بولۇپ، كەلگۈسىدە تېخىمۇ ئېغىر ھۇجۇملارنىڭ يۈز بېرىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىمىز.»

مەزكۇر مەكتەپكە يانۋار ئېيىدا قىلىنغان ھۇجۇمدا، مەكتەپنىڭ تاملىرىغا ئىرىقچىلىق تۈسىنى ئالغان رەسىملەر سىزىپ قويۇلغانىدى.

رەسمىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئەنگلىيەدە يۈز بېرىۋاتقان ئىرىقچىلىق ۋە ئىسلام دۈشمەنلىكى ھۇجۇملىرى، 15 – مارتتا يېڭى زېلاندىيەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۆپىيىپ كەتكەن.

ئەنگلىيەدىكى ئىسلام دۈشمەنلىكى ھۇجۇملىرىنى كۆزىتىۋاتقان  ھۆكۈمەتكە قاراشلىق تېلماما تەشكىلاتىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، دۆلەتتە، يېڭى زېلاندىيەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدىن كېيىن مۇسۇلمانلار نىشان قىلىنغان ھۇجۇملار تەخمىنەن % 600 ئېشىپ كەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر