نىگېرىيەدە شىمالىي كورېيەلىك دوختۇر گۆرۈگە ئېلىۋېلىندى

نىگېرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى زامفارا ئۆلكىسىدە شىمالىي كورېيەلىك  بىر دوختۇر گۆرۈگە ئېلىۋېلىندى.

1171880
نىگېرىيەدە شىمالىي كورېيەلىك دوختۇر گۆرۈگە ئېلىۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە ساقچى ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى مۇھەممەد شېھۇ، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «شىمالىي كورېيەلىك دوختۇر جېن سۇنال دۈشەنبە كۈنى كېچىسى ئۆيىدىن قاچۇرۇلدى. دوختۇرنىڭ قاچۇرۇلغانلىقى، خىزمەتداشلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئىشقا بارمىغانلىقىنى ساقچىلارغا بىلدۈرۈشى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىقتى، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىمىز ئۇنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.»

ئىگىلىنىشىچە، گەرچە نىگېرىيەنىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرىدە فىدىيە ئېلىش ئۈچۈن ئادەم قاچۇرۇشنىڭ جازاسى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلنىش بولسىمۇ، لېكىن، بۇنداق ۋەقەلەر ئىزچىل داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر