بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بەردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس جەنۇبىي ئافرىقا دۆلىتى موزامبىكقا ئېغىر تالاپەت يەتكۈزگەن بوران - چاپقۇن ئاپىتىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە خەۋپلىك ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

1171378
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانتونىئو گۇتېررېس، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش مەركىزىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، «ئىداي» ناملىق  بوران - چاپقۇن ئاپىتىنىڭ ئافرىقا تارىخىدىكى كىلىمات ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن ئوتتۇرىغا چىققان ئەڭ ئېغىر پالاكەتلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

بوران - چاپقۇن ئاپىتى سەۋەبىدىن موزامبىك، مالاۋى ۋە زىمبابۋې قاتارلىق دۆلەتلەردە كەم دېگەندە 700 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، يۈزلەرچە كىشىنىڭ ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن گۇتېررېس، 3 مىليون كىشىنىڭ تالاپەتكەن ئۇچرىغانلىقىنى، بىر مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

كەم دېگەندە بىر مىليون بالىنىڭ جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان گۇتېررېس، خەلقئارا جەمئىيەتتىن تەخمىنەن 282 مىليون دوللارلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم چاقىرىقىنى قوللاشنى تەلەپ قىلىغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بوران - چاپقۇن ئاپىتى كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە خەۋپلىك ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى، راستىنى ئېيتقاندا، بۇ ئاپەت خېيىم – خەتەر قوڭغىرىقى ئىدى. كىلىمات ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئېمىسسىيەلەرنىڭ % 80 تى 20 دۆلەت گۇرۇھى ئەللىرىدىن كېلىۋاتىدۇ، كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بۇ ھەقتە ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشىغا توغرا كېلىدۇ. ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتقاندا، بىز بىرەر مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىقىشقا تىرىشىۋاتقىنىمىز يوق، بۇنداق كېتىۋەرسە ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ، شۇڭا، بۇنىڭ دەرھال ئالدى ئېلىنىشى لازىم.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر