يەمەن ھۆكۈمەت قىسىملىرى بىلەن خۇسىيلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار يەنە ئەۋجىگە چىقتى

يەمەننىڭ غەربىدىكى ھۇدەيدە شەھىرىدە خۇسىيلار بىلەن ھۆكۈمەت قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار قايتىدىن باشلىدى.

1170765
يەمەن ھۆكۈمەت قىسىملىرى بىلەن خۇسىيلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار يەنە ئەۋجىگە چىقتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەن ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق قىسىملاردىن بىر ھەربىي مەسئۇلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەيدەدىكى تۇقۇنۇشماسلىق ئاران 3 ھەپتە داۋاملاشقان.

خۇسىيلار بىلەن ھۆكۈمەت قىسىملىرى ئوتتۇرسىدا قايتىدىن باشلانغان توقۇنۇشلار خەلقئارا ھۇدەيدە ئايرودورۇمى بىلەن شەھەرنىڭ شەرقىي ئېغىزىغا يېقىن جايلارغا مەركەزلەشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ھەربىي مەنبەلەر، خۇسىيلارنىڭ خەيس ناھىيەسىدىكى بىر رايونغا توپ بىلەن قىلغان ھۇجۇمىدا، 1 كىچىك بالا بىلەن قوشقاندا، 3 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە بەزى كىشىلەرنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى بىلدۈرۈلدى.

يەمەن ھۆكۈمىتى ۋە خۇسىيلار تەرىپىدىنمۇ توقۇنۇشلار ھەققىدە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىدى.

ھۇدەيدەدە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسدىكى ئەڭ ئاخىرىقى توقۇنۇش 3مارتتا يۈز بەرگەن ئىدى.

يەمەندىكى ھەر قايسى تەرەپلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھىمايسىدە شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولىمدا 2018يىلى 6دىكابىردىن 13دىكابىرغىچە بولغان ئارلىقتا ئۆتكۈزۈلگەن كېڭەش يىغىنىدا ئەسىرلەرنى ئالماتشۇرۇش، ھۇدەيدەدە ئۇرۇش توختىتىش، پورتلار ۋە تائىز مەسلىسى ئۈستىدە كېلىشىملەر ئىمزالاشقان ئىدى.

ھۇدەيدە ۋە ئەتراپى ئۈچۈن 18دىكابىردا ئىجرا قىلىنىشقا باشلانغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە پات پات رىئايە قىلىنماسلىق كۆرۈلۈپ تۇرغان ۋە شەھەردىن چېكىنىش جەھەتتىمۇ تېخىچە ھېچقانداق كونكېرت قەدەم تاشلانمىغان ئىدى. 


 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر